جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 19-مارت فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ لىۋىيە توغرىسىدىكى قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، ئاندىن كېيىن مىسىر بىلەن تۇنىستا زىيارەتتە بولىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، بان كىمون فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ساركوزى ۋە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر، ئەرەب ۋە ئافرىقا ئەللىرى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، لىۋىيە خەلقىنى قوراللىق ھۇجۇمدىن قانداق قىلىپ ساقلاشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى ئۈستىدە كېڭىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بان كىمون كېلەر ھەپتە نيۇيوركقا قايتىپ كېلىدۇ.
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!