ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

لىۋىيە ھەربىي پاراخوتى بىن غازىغا قىستاپ كەلدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  لىۋىيە ھەربىي پاراخوتى بىن غازىغا قىستاپ كەلدىلىۋىيە ھەربىي پاراخوتى بىن غازىغا قىستاپ كەلدى
جۇڭگو يەر شارى تورىنىڭ 19-مارتتىكى ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يەر شارى تورىنىڭ مۇخبىرى بىن غازىدىكى توپىلاڭچىلارنىڭ باش مەھكىمىسىنى زىيارەت قىلغاندا، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى دېڭىز بىلەن كۆك تۇتاشقان جايدا پەيدا بولغانلىقىنى كۆرگەن، پەقەت ھېچقانداق ھەركەت قوللانمىغان، توپىلاڭچى قوراللىق خادىملارنى پاراخوتنىڭ ھەركىتىنى قاتتىق كۆزىتىشكە باشلىغان، توپىلاڭچىلارنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھەربىي پاراخوتنى نازارەت قىلغان.
بىن غازىدىكى ۋەزىيەت بارغانسېرى جىددىيلىشىشكە باشلىغان، زور بىر تۈركۈم چەتئەل مۇخبىرلىرى چېكىنىشكە باشلىغان. يەر شارى تورىنىڭ مۇخبىرى تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىدا تەخمىنەن 30 ئەتراپىدا مۇخبىر بولۇپ، بىر غەربلىك ئايال مۇخبىر ئۆزىنىڭ چېكىنىش پىلانى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن، چوقۇم ئەڭ ئاخىرقى پەيتكىچە بىن غازىدا قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تەخمىنەن مىڭ ئەتراپىدىكى ئامما بىن غازىدىن مىسىر چېگرىسىغا قاچقان، بىراق، كۆپ قىسىم ئامما يەنىلا بىن غازىدا قالغان.
بىن غازىدا زىيارەتتە بولىۋاتقان يەر شارى تورىنىڭ مۇخبىرى چەتئەللىك مۇخبىرلاردىن ئىگەللىشىچە، پارىژ يىغىنى ئاخىرلىشىپ نەچچە سائەت ئىچىدە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى لىۋىيەگە ھاۋادىن ھەربىي ھۇجۇم قوزغىماقچى بولغان، ئەنگىلىيەنىڭ ئىككى دانە «قۇيۇن» كۈرەشچى ئايروپىلانى ئاللىقاچان ئۇچقان، گەرچە مەقسىتى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مۇساپىدە ئىشلىتىدىغان قوشۇمچە ماي ساندۇقىنىمۇ ئېسىۋالغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇچۇر مەنبەسىدە دېيىلىشىچە، فرانسىيەنىڭ نەچچە دانە كۈرەشچى ئايروپىلانى لىۋىيەنىڭ بارلىق ھاۋا تەۋەلىكىدە چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلغان. لىۋىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان پارىژ يىغىنى ئېھتىمال بۈگۈن كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 20:30 ئەتراپىدا ئاخىرلىشىشى مۇمكىن ئىكەن، يىغىندا لىۋىيەدە ئۇچۇش چەكلەش رايونى تەسىس قىلىشنىڭ كونكرېت تەدبىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ لىۋىيەگە قارىتىلغان ھەربىي ھەركىتى نەچچە سائەت ئىچىدە باشلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
جۇڭگو يەر شارى تورىنىڭ 19-مارت خەۋىرى: ئەنگىلىيە BBC تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۇرىيە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى 19-مارت بىن غازىدا چۈشۈپ كەتكەن ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ توپىلاڭچىلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، توپىلاڭچىلارنىڭ خاتا ھالدا ئېتىپ چۈشۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان.   
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!