جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 18-مارت خەۋىرى: شىياڭگاڭ «ۋېنخۇي» گېزىتى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فۇكۇشىما يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىدا ئېغىر يادرو ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 800 ئارتۇق خىزمەتچى خادىمنىڭ كۆپ قىسمى چېكىندۈرۈلگەن، ئەمما ئاخباراتلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان «فۇكۇشىمادىكى 50 ئەزىمەت» يەنىلا چېكىنمەي قالغان. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يەرلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 50 ئادەمنىڭ ئائىلىسىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان، فۇكۇشىما يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىدا قالغان ئاتىسى ھېلىمۇ سالامەت، ئامان-ئېسەن بولۇپ، بىراق يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىدا سۇ يېمەكلىك كەمچىل، تۇرمۇش مۇھىتى ئىنتايىن ناچار ئىكەن، خەتتە يەنە ئاتىسىنىڭ قۇربان بېرىش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. يادرو مۇداپىئە مۇتەخەسىسىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار يۇقىرى رادىئاتسىيەلىك مۇھىتتا ئۇدا خىزمەت قىلغاچقا، %70 ئادەم ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، «فۇكۇشىمادىكى 50 ئەزىمەت» مىنىۇت سېكونتنى قوغلىشىپ، ئۆزىنىڭ تېنى ئارقىلىق يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسدا قوغداش تېمى ھاسىل قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، توكيو ئېلىكتىر شېركىتى فۇكۇشىمادىكى ئەترەتنىڭ سانىنى 181 ئادەمگە كۆپەيتكەن. بۇ ئەزىمەتلەر ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان بولۇپ، ئىسمىنى قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلمىغان، پەقەت خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنىلا ئويلايدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ياپونىيە تورلىرىدا نۆۋەتتە ئىككى ماقالە ئاممىنىڭ دىققىتىنى قاتتىق تارتقان، بىر پارچىسى «فۇكۇشىمادىكى 50 ئەزىمەت» تىكى بىرىنىڭ قىزى قالدۇرغان سۆز، يەنە بىرى ئىككىنچى يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىدىكى مىچىكو ئوتسۇكىنىڭ تور كۈندۈلۈك خاتىرىسى ئىكەن. فۇكىشىمادىكى ئەزىمەتنىڭ قىزى Twitter بىلوگىدا:« دادام يەنە يېرىم يىلدىن كېيىن پېنسىيەگە چىقاتتى، ئۇ فۇكىشىمغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ، مەن كۆز ياشلىرىمنى ئاران تۇتالىدىم...دادام: يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ كەلگۈسى بىزنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمىزغا باغلىق. مەن بۇرچۇمنى ئېلىپ ئاتلاندىم...مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق پەخرلىنىپ باقمىغان » دەپ يېزىلغان.
مىچىكو ئوتسۇكىنىڭ تور خاتىرىسىدە، فۇكىشىما يادرو ئىلكتىر ئىستانسىسىدىكى يادرو ئېقىپ كېتىشتىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقى دېيىلگەن، بۇ خادىم بىلدۈرىشىچە، گەرچە ئۇلار يادرو رادىئاتسىيىسى كىرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزىدىغانلىقىنى، «ئۆز ھاياتى بەدىلىگە ھەربىر ئادەمنى قۇتقۇزۇدىغانلىقى»، كۆپچىلىكنىڭ ئۇلارغا ئىشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ كۈندۈلۈك خاتىرىسىدە يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىدا داۋاملىق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ توكيو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنى ئەيىبلىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە داۋاملىق خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ سىرتىدىكى ھەربىر ئادەمنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن تىلاۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!