ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىران تەجرىبە بوشلۇق بۆلمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

2011-يىلى03-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران 15-مارت «ئىزدەنگۈچى-4» ناملىق توشۇغۇچى راكېتانى قويۇپ بېرىپ، تەجرىبە بوشلۇق بۆلمىسىنى يېقىن ئارلىقتىكى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزگەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش خىزمىتىگە ئىران ئالەم ئىدارىسى مەسئۇل بولدى. بوشلۇق بۆلمەسى بىر مايمۇننى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ، ئەمما بۇ قېتىمقىسى ئالدىنقى باسقۇچلۇق قويۇپ بېرىش سىنىقى بولغاچقا، ھېچقانداق ھايۋان قۇيۇلمىغان. ئىران ئالەم ئىدارىسى بۇ قېتىم قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، راكېتانىڭ ماتورى، راكېتا بۆلمىسىنىڭ ئايرىلىشى، ئۈچۈر قايتۇرۇش قاتارلىق ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىلارنى سىناق قىلدى. ئىران زۇڭتۇڭى ئەخمەد نىجاد بۇنىڭدىن ئىلگىرى: بۇ بوشلۇق بۆلمىسى مۇناسىۋەتلىك سىناقلارنى قىلغاندىن كېيىن، بىر مايمۇننى ئېلىپ بوشلۇققا چىقىدۇ، دېگەنىدى.   تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!