ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ياپونىيەدىكى يود تابلېتكىسى زاۋۇتى: يود تابىلىتكىسىنى قالايمىقان ئىچمەسلىكنى

2011-يىلى03-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: ياپونىيەدىكى 1-يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ياپونىيەلىك ئامما رادىئاتسىيىدىن ساقلىنىش رولى بار بىر قىسىم يود تابىلىتكىسىنى تالىشىپ سېتىۋالماقتا. ياپونىيەدىكى يود تابلېتكىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر زاۋۇت شۇ يەردىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يود تابىلىتكىسىنى قالايمىقان يېيىشكە بولمايدۇ، ئەگەر يېيىش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا، رىياكسىيە بېرىدۇ. يود تابلېتكىسى - قالقان بەز يوغىناپ كېتىشنى داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان رېتسېپلىق دورا. يود تابلېتكىسى پەقەت قالقان بەز رادىيوئاكتىپلىق يود رادىياتسىيەسىگە ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇ رادىياتسىيەدىن ساقلىنىشنىڭ شىپالىق دورىسى ئەمەس. يادرو بىلەن رادىياتسىيە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەندىن كېيىن ئادەم تىنى رادىيوئاكتىپلىق يودنى قوبۇل قىلىۋېلىشى مۇمكىن ھەمدە قالقان بەز ئىچىگە يىغىلىپ، قالقان بەز راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن. رادىيوئاكتىپلىق يودنى سۈمۈرگەندە تۇراقلىق يودنى يېيىش كېرەك، بۇ %90 رادىيوئاكتىپلىق يودنىڭ قالقان بەز ئىچىدە توپلىنىشىنى توسالايدۇ.   تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!