ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

كەلپىن ناھىيەسىدە 4.6 بال يەر تەۋرىدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    جۇڭگو رادىيو تورىنىڭ ئاقسۇدىن 18–مارت تارقاتقان تېز خەۋىرى : شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يەر تەۋرەشنى كۈزىتىش ئىدارىسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا ، 17–مارت چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 9دىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە كەلپىن ناھىيەسىدە 4.6 بال يەر تەۋرىگەن .

    تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا ، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك° 40.4 ، شەرقىي كەڭلىك°79.1 بولۇپ ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى سەككىز كىلومېتىر بولغان . ئىگىلىنىشىچە ، يەر تەۋرەش ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشىدەك ئىقتىسادىي زىياننى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولۇپ ، پەقەتلا روشەن تەۋرىنىش ھاسىل بولغان . شۇ ۋاقىتتا يانفون سىگنالى ، قىسقا ئۇچۇرلارمۇ بىر قانچە مىنۇت توختاپ قالغان .

    ئۇنىڭدىن باشقا ، كەلپىن ناھىيەسى ئەتراپىدىكى ئاقسۇ شەھىرى ، ئونسۇ ناھىيەسى ، ئاۋات ناھىيەسى قاتارلىق رايونلاردىمۇ روشەن تەۋرىنىش بولغان .

    ئىگىلىنىشىچە ، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە قازا قىلىپ يارىلانغانلار ياكى مال – مۈلكى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلار يوق ئىكەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!