ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تۈركىيە ياپونىيەگە يادرو مۇتەخەسىسى ئەۋەتىدۇ

2011-يىلى03-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  تۈركىيە ياپونىيەگە يادرو مۇتەخەسىسى ئەۋەتىدۇتۈركىيە ياپونىيەگە يادرو مۇتەخەسىسى ئەۋەتىدۇ
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 18-مارت خەۋىرى: كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە 18-مارت ياپونىيەگە بىر تارماق قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىدىكەن، بۇ ئەترەتتە نەچچە نەپەر يادرو مۇتەخسسىسى ۋە بىر قىسىم داۋالاش خادىملىرى بار ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۈركىيە ئىلگىرى ياپونىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ شىمالىدىكى سىنوپ شەھىرىدە يېڭىدىن ئىككىنچى يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى ياساش كېلىشىمى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىپ كەلگەن، مۆلچەرلىنىشچە بۇ يادرو مۇتەخەسسىسىلىرى ياپونىيە فۇكۇشىما يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىدىك يادرو ئېقىپ كېتىش ۋەقەسىگە ئالاقىدار تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى يىغىدىكەن.
ياپونىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىنىڭ ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى ئوكىناۋادا تۇرۇۋاتقان يادرودىن مۇداپىئەلىنىش قىسىمىنى بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن، مۇبادا ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەكلىپ قىلسا، بۇ قىسىمنى دەرھال قۇتقۇزۇش ھەركىتىگە ئاتلاندۇرىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئوكىناۋادا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى يادرودىن مۇداپىئەلىنىش قىسىمىنىڭ جەمئىي 450 نەپەر ئادىمى بار بولۇپ، ئەڭ ئىلغار يادرودىن مۇداپىئەلىنىش ئەسۋابلىرى بىلەن قوراللانغان.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!