جۇڭگو يەر شارى تورىنىڭ 19-مارتتىكى ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يەر شارى تورىنىڭ لىۋىيە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى لىۋىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ۋەقە بىن غازىنىڭ جەنۇبىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇندا يۈز بەرگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر بۇ ئايروپىلاننىڭ بىن غازى شەھىرىنىڭ ئاسمىنىنى نەچچە قېتىم پىرقىراپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئايروپىلاننىڭ يان تەرىپىدىن ئىس چىققانلىقىنى، ئاندىن شەھەرنىڭ جەنۇبىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. ھازىرغا قەدەر، بۇ ئايروپىلاننى توپىلاڭچىلار ئېتىپ چۈشۈرۈپ تاشلىغانلىقى ياكى ئايروپىلاننىڭ ئۆزىدە چاتاق چىقىپ چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئىسپاتلانمىغان.
لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم مۇسا 19- مارت بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ 19-مارت ھەر قانداق شەھەرنى بومباردىمان قىلمىغانلىقىنى، توپىلاڭچىلارنىڭمۇ ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈپ تاشلىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رېيترس ئاگېنتلىقىنىڭ 19-مارت خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىن غازى شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا كىرىپ بولغان.
يەر شارى تورىنىڭ مۇخبىرى ئىگەللىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 18-مارت كەچ 22 دىن باشلاپ، بىن غازى شەھىرى ئىچىدە AK-47 ئاپتوماتىنىڭ ئوق ئاۋازى ۋە پارتلىغان ئاۋازلار ئۈزۈلمىگەن. بارلىق تېلىفۇنلار بىر كۈن ئۈزۈلۈپ قالغان، مۇخبىر ۋە ئامما سۇ توكنىڭ توختاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋېتىپتۇ، چۈنكى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەجدابىيە شەھىرىنى لىۋىيە ھۆكۈمىتى كونترول قىلىۋالغان، قازافى توكنى ئۈزۈپ تاشلاشقا بۇيرۇق چۈشۈرسىلا، پۈتكۈل شەھەردە توك توختاپ قالىدىكەن.
ئامېرىكا ئەمەلدارى ۋە لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، مىسىر ئارمىيىسى چېگرا ئارقىلىق توپىلاڭچىلارغا قورال يەتكۈزۈپ بەرگەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئىشتىن پۈتۈنلەي خەۋەردار ئىكەن. فرانسىيە پىرىزدېنتى ساركوزىي 19-مارت ھەر قايسى تەرەپلەرنى چاقىرىپ ئېلىسې قەسىرىدە يىغىن ئاچقان، لىۋىيەگە ئارىلىشىش لاھىيىسىنى تاللاشنى مۇزاكىرە قىلغان. ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باياناتچىسىنىڭ دېيىشىچە، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بۇ يىغىنغا قاتناشقان؛ ئەمما ئۇ يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك باشقا تەپسىلىي ئۇچۇلارنى ئاشكارلاشنى رەت قىلغان.
ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوباما 18-مارت ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەگە يەر يۈزى قىسىملىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئوباما ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر قازافى ب د ت نىڭ قارارىغا ئەمەل قىلمىسا، ئامېرىكا باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي ھەركەت قوللىنىدۇ دېگەن. ئوباما 18-مارت ئاق سارايدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكىنىڭ قورال كۈچى ئىشلىتىشى لىۋىيە پۇقرالىرىنى قوغداشتىن ھالقىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!