جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 17-مارت خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان ئەمەلدارى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەبىلىلەر رايونىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، 24 نەپەر قوراللىق ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى، 10 ئادەمنى يارىدار قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى 4 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن، Datta Khel بازىرىدىكى بىر ئۆينى پارتلىتىپ تاشلىغان. بۇ بازار ئافغانىستانغا قوشنا بولۇپ، ئەل-قائىد بىلەن تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ چوڭ بارىگاھى ئىكەن.
پىشاۋۇردىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامانلىق ساقلاش ئەمەلدارى:« ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بىر ئۆيگە 4 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى » دېگەن. ئۇ ئۆلگەنلەرنىڭ تالىبان قوراللىقلىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستاننىڭ 2 نەپەر ئاخبارات خادىمى بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇم ۋەقەسىنى ئىسپاتلىغان، بىرى:«تالىبان قوراللىقلىرى بۇ ئۆينى مەشىق مەركىزى ۋە يىغىن سورۇنى قىلىۋالغان. ئۆينىڭ خارابىلىقىدىن 24 ئادەمنىڭ جەسىتىنى تاپتۇق. بىز ئۆلگەنلەر سانى يەنە ئاشىدۇ دەپ قارايمىز. بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىدا يارىدار بولغان 10 نەپەر قوراللىقنىڭمۇ يارىسى ئېغىر » دېگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!