خەلق تورىنىڭ 18-مارت خەۋىرى: بەھرەيىن ھۆكۈمىتى يېقىندا يۈز بەرگەن ئىنقىلابلارنى باستۇرۇشقا داۋاملىق ئۇرۇنماقتا. 17-مارت سەھەردە، بەھرەيىن ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىرىنىڭ تۇرالغۇلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، كۆپلىگەن ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىرىنى ۋە پائالىيەتچىلەرنى قولغا ئالغان. بەھرەيىن مۇھىم ئىستراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دېڭىز قولتۇقى دۆلىتى.
بەھرەيىندىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى تەشكىلات ئەل-ۋەفىقنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى ئابدۇل جەلىل خەلىلنىڭ دېيىشىچە، قولغا ئېلىنغانلار قاتتىق قوللار گۇرۇھى ھەق ھەركىتىنىڭ رەھبىرى ھەسەن مۇشائىما ۋە ھەق ھەركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى ئابدۇل ئەل-سىنگاسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئالدىنقى ئايدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن مۇشائىما ھۆكۈمەتنىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشىپ لوندوندىن دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. ھەق ھەركىتى بەھرەيىن پادىشاھىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئىزچىل دەۋەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.
خەلىلنىڭ دېيىشىچە، 17-مارت قولغا ئېلىنغان ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىرىدە يەنە شىئە مەزھىپىدىكى رادىكال زات ئۇبدۇل ۋاھاب ھۇسەيىنمۇ بار ئىكەن، ئالدىنقى ئايدا ھۆكۈمەت ئالاھىدە كۈچۈرۈم ئېلان قىلىپ ئېتراز بىلدۈرگىچىلەرنىڭ تەلىپىنى پەسەيتكەن، ئۇ ۋە باشقا 307 نەپەر مەھبۇس كەچۈرۈمگە ئېرىشكەن، يەنە سۈننىي مەزھىپى تەشكىلاتى مەملىكەتلىك دېموكراتىيە ھەركىتى كېڭىشىنىڭ رەھبىرى ئىبراھىم شېرىفمۇ بار ئىكەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!