شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋارشاۋا، 16 – مارت تېلېگراممىسى. پولشا زۇڭتۇڭى كوموروۋىسكى 16 – مارت: پولشانىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا خەۋپسىزلىك ياردىمى قىسىمىنىڭ ۋەزىپىسى 2012 – يىلىدىن باشلاپ ئافغانىستان قوراللىق كۈچلىرىنى تەربىيەلەشكە بۇرۇلىدۇ، دېدى.
پولشا دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىكورىسكى 16 – مارت پارلامېنتقا دىپلوماتىيە سىياسىتى دوكلاتى بەرگەندە، پولشانىڭ 2014 – يىلىدىن ئىلگىرى ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كوموروۋىسكى مۇنداق دېدى: 2014 – يىلى قوشۇن چېكىندۈرۈش بۇلتۇر ش ئا ئە ت نىڭ لىسسابون باشلىقلار يىغىنىدا بېكىتىلگەن، 2012 – يىلىدىن باشلاپ، پولشانىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا خەۋپسىزلىك ياردىمى قىسىمى ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتىن ئافغانىستان قوراللىق كۈچلىرىنى تەربىيەلەشكە يۈزلىنىدۇ. ئۇ يەنە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ بۇ يىل ئافغانىستاندىن جەڭگىۋار قىسىمنى چېكىندۈرۈش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇلتۇر 11 – ئايدا، ش ئا ئە ت رەھبەرلىرى پورتۇگالىيە پايتەختى لىسسابوندا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 2011 – يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە خەۋپسىزلىك مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى تەدرىجىي ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ھەم 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تاماملاشنى قارار قىلغان.