ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى ، فوتوسى : ‹‹ ئاتامان ›› خەلقئارالىق چامباشچىلىق كۇلۇبىنىڭ نورۇز بايرىمىغا ئاتاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان جامبازلىق مۇسابىقىسى 16 ــ مارت كەچ ‹‹ ئاتامان ›› چامباشچىلىق كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلدى . بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە ئۇيغۇر جانبازچىلىقىنىڭ پېشىۋاسى ، ئۇستاز توختى جانبازنىڭ ۋارىسلىرىدىن بولغان ئاتاۋۇللا جانباز ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى گۇچۇڭدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى . 200 دىن ئارتۇق تاماشىبىن نورۇز خۇشاللىقىغا چۆمگەن كەيپىياتتا مۇسابىقىنى كۆردى .
مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن بىر قىسىم ماھىرلار تايلاند ماھارىتى ، شەمشەرۋازلىق ، كالتەكۋازلىق ، جۇڭگو جانبازلىقى ، مۇسكۇل چىقىرىش ماھارىتى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى . مۇسابىقە باشلىنىپلا ئالتە ياشلىق ئىككى كىچىك ‹‹ ئەزىمەت ›› نىڭ دوئىلغا چۈشىشى تاماشىبىنلارنى ھاڭ ــ تاڭ قالدۇردى . ئۇلارنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي مەيداندا بەزى ئاددىي ھەرىكەتلەرنى ئەپچىللىك بىلەن ئورۇندىشى شۇنداقلا قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىشى تاماشىبىنلار قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى . ھەممەيلەن بۇ كىچىك ماھىرلارغا قىزغىن ئالقىشلىرىنى ياڭراتتى . ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلارنىڭ مۇسابىقىلىرى تېخىمۇ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى . ماھىرلارنىڭ قورقماس ، باتۇرانە روھى ، بەدەن ساپاسى ، تەنتەربىيە ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى بىر تەرەپتىن تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە نورۇز خۇشاللىقى ، باھارغا بولغان تەلپۈنۈشى ، نورۇز بايرىمىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئەينەن كارتىنىسىنى نامايەن قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن كەلگۈسى جانبازلىق تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئۈمىد ۋە ئىشەنچىنى ھېس قىلدۇرغانىدى . مۇسابىقە ئۈچ سائەتكە يېقىن داۋاملىشىپ ، ئاخىرىدا نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر مۇكاپاتلاندى ، ‹‹ ئاتامان ›› جانبازلىق كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇكېرىم نەتىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارغا مېدال تارقىتىپ بەردى .
‹‹ ئاتامان ›› جانبازلىق كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇكېرىم بۇ قېتىملىق مۇسابىقە توغرىسىدا توختۇلۇپ مۇنداق دېدى : ‹‹ كۇلۇبىمىز 2009 ــ يىل 1 ــ يانۋار قۇرۇلغان بولۇپ ، بىز كۇلۇب ئەزالىرىنى ئالاھىدە تۈر ، مۇنتىزىم تۈر ، ئىختىيارىي تۈر ۋە شەنبە ــ يەكشەنبىلىك تۈرلەر بويىچە تەربىيەلىدۇق . 2010 ــ يىلى 21 ــ مارت نورۇز بايرىمىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ ، بىر تەرەپتىن نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىسەك ، يەنە بىر تەرەپتىن كۇلۇب ئەزالىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ ، ئۇلارغا مەدەت بەردۇق . كۆپچىلىكنىڭ بۇ پائالىيەتكە بولغان ئىنكاسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بۇ يىلىمۇ ئۆتكەن يىلدىكىگە ئوخشاش پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ ، نورۇز بايرىمىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق ۋە بۈگۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق . مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنى قوللىغان ، يېقىندىن ياردەمدە بولغان بارلىق كارخانىچىلار ، جانبازلار ، تېرېنىرلارغا رەھمەت ئېيتىمەن شۇنداقلا بارلىق نورۇز ئەھلىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن .
ئىگىلىنىشىچە ، ‹‹ ئاتامان ›› خەلقئارالىق چامباشچىلىق كۇلۇبى قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت مابەينىدە ، نۇرغۇنلىغان ياش ــ ئۆسمۈرلەرنى تايلاند ماھارىتى ، ياپونچە قول گۇمپىسى ، تەپمە بوكس ، جۇڭگو چامباشلىقى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە تەربىيەلىگەن .