قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلماقتا
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى 15 – مارت تېلېگراممىسى : فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ياپونىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا ، ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىدا قازا قىلغانلار 2400 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن . بۇ سانلىق مەلۇمات تۆنۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىكى ئادەم سانىدىن 1000 ئادەم ئارتۇق ئىكەن .خەۋەر قىلىنىشىچە ، ياپونىيە ساقچى ۋازارىتى 15 – مارت ، يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىدا 2414 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ، 3118 ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ، 1885 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان .
13 – مارت ، ساقچى تەرەپ ياپونىيە ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان مىياگى ناھىيەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ 10 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى مۆلچەرلىگەن .
دېڭىز تاشقىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان خونسىيو ئارىلىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدا ، كۈچلۈك دولقۇن 55380 يۈرۈش ئۆي ۋە قۇرۇلۇشنى ئېقىتىپ كەتكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، ئاپەت رايونىدا سۇ ، يېمەكلىك ، بىنزىن قاتارلىق ماددىي ئەشيالار ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇۋاتقان بولۇپ ، پاناھلىنىش ئورنىغا يىغىلغانلارنىڭ سانى 550 مىڭغا يەتكەن .
قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ ، ئاپەتتە قازا قىلغانلار ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى داۋاملىق كۆپىيىۋېتىپتۇ ، ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ھايات قالغانلارنى ئىزدەۋېتىپتۇ . يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنىدا فۇكۇشىما 1 – يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ 3 – نومۇرلۇق ئاتوم قازىنى پارتلاپ كېتىپ ، يادرو تەھدىتى ياپونىيە خەلقى ۋە يەر شارىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغايدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان .