17 ــ مارت سەھەردە ئېلىپ بېرىلغان ياۋروپا چېمپىيونلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا فرانسىيە لىئون كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى . نەتىجىدە ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى مارسېلو ، بېنزېما ۋە دىمارىيالارنىڭ بىردىن توپ كىرگۈزۈشى بىلەن 3 د ە 0 نەتىجە بىلەن لىئون كوماندىسىنى ئۇتۇپ ، بۇ يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىغا كىردى . بۇ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ 7 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم بۇ مۇسابىقىدە سەككىز كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىغا كىرىشى .