ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش پائالىيىتى مەكتەپلەردە

2011-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

نېلۇپەر قاسىم

    12 – مارت ئەتىگەن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى يىغىن زالى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدى. بۇكۈنى بۇ يەردە ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى ۋە مائارىپ نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ‹‹ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداشنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش›› پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. زال سىرتىغا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق مەزمۇنلاردا تەشۋىقات ئېلان تاختىلىرى قويۇلغان، پىلاكاتلار ئېسىلغان بولۇپ، زال ئىچىدە ‹‹ئىستېمالنى زورايتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلەيلى›› دېگەن تېما ئاساس قىلىنىپ، ئىستېمالچىلارغا ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، مەسلىھەت بېرىش، زېھىن سىناش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەنجۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتىمىز ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تارقىتىش، ئىستېمال بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، مەھسۇلاتلارنىڭ ھەقىقىيسى بىلەن ساختىسىنى پەرقلەندۈرۈشنى بىلدۈرۈش. بىز بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىلمىي، مۇۋاپىق، ساغلام، مەدەنىي ئىستېمالنى تەشۋىق قىلدۇق ۋە ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش بىلىملىرىنى چۈشەندۈردۇق.

    پائالىيەتتە ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا ‹‹ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىستېمال ھوقۇقىنى قوغداش ئورنى›› دېگەن لەۋھەنى تەقدىم قىلدى.

    پائالىيەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك س س م ب ئىدارىسىدىكىلەر ئىستېمالچىلارغا يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك، ئاق ھاراق، دورا قاتارلىقلارنىڭ ساختىسى بىلەن ھەقىقىيسىنى پەرق ئېتىش ساۋاتلىرىنى چۈشەندۈردى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى پائالىيەت ئارقىلىق بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ ھەقىقىيسى بىلەن ساختىسىنى پەرقلەندۈرۈشنى بىلىۋالدىم. دورا، يېمەكلىك، ئىچىملىكلەرنىڭ سۈپەت مەسىلىسى ئادەمنىڭ ھاياتىغا بىۋاسىتە تاقىلىدىغان بولغاچقا، ئالاقىدار ئورۇنلار بۇ جەھەتتىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ساختىلىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ تەشۋىقات ئۈستىلىگە تىزىلغان تۈرلۈك قانۇن – نىزاملارغا ئائىت كىتاب ۋە قوللانمىلار ئىستېمالچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپلىك كادىرى ئەخەت داۋۇت مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتنىشىشتىكى مەقسىتىمىز ئاساسلىقى، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن تەربىيەسىنى كۈچەيتىش. ئوقۇغۇچىلار ھازىردىن باشلاپ قانۇن بىلىملىرىنى ئوبدان ئۆگەنسە، خىزمەتكە چىققاندا بۇنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولىدۇ. بىز بۈگۈن قانۇنغا ئائىت بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىللە، مۇشۇ كىتاب ۋە قوللانمىلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن 150 نۇسخىدىن ئېلىپ كېلىپ، ئىستېمالچىلارغا تارقىتىپ بەردۇق.

    شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش مۇكاپاتلىق پائالىيىتى ئوقۇغۇچىلارنى ھەممىدىن بەكرەك جەلپ قىلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر