ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئۆتكۈر ھەسەن جۇڭگو دۆلەت كومادىسىغا تاللاندى

2011-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
     ئوڭدىن سولغا ئۆتكۈر ، بارى ، مىرئەخمەت

    ئۆز خەۋىرىمىز : بۇ يىل قىشتا ئاپتونوم رايونىمىزدا قاتتىق سوغۇق بولۇپ ، كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى . 3ــ ئاي كىرىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىر ئاز ئىللىغان بولسىمۇ ، ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك ياغقان قار سەۋەبىدىن ، شىنجاڭنىڭ تېمپىراتۇراسى ئاۋۋالقى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدەك ئىسسىپ كېتەلمىدى . لېكىن ، مۇشۇنداق سوغۇق كۈنلەردىمۇ ، خۇددى كىشىلەرگە مەدەت بېرىۋاتقاندەك ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇردى .

   16 ــ  مارت ، جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتى  يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو دۆلەت كوماندىسى ۋە جۇڭگو ئولىمپىك كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى . مىرئەخمەت بىلەن بارى يەنە بىر قېتىم جۇڭگو ئولىمپىك كوماندىسى تىزىملىكىگە كىردى . كىشىلەرنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى ، مىرئەخمەتنىڭ شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىدىكى شىنجاڭلىق يۇرتدىشى ئۆتكۈر ھەسەن ، جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىمقى تىزىملىكىگە كىرىپ ، مىرئەخمەتتىن قالسا ئىككىنچى بولۇپ جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان ئۇيغۇر پۇتبولچى بولۇپ قالدى .

بارى

مىرئەخمەت

   2 ــ ئاينىڭ ئاخىرىدا خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسىدىكى بارى ، شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىدىكى مىرئەخمەت بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللانغانىدى . بۇ خۇش خەۋەرنىڭ ئايىقى تېخى ئۈزۈلمەستىنلا ، ئاسىيا چېمپىيونلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە بارى خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسى ئۈچۈن بىر توپ كىرگۈزۈپ ۋە بىر توپ ھۇجۇم پاس بېرىپ ، خاڭجۇ كوماندىسىنى بۇ مۇسابىقىدىكى تۇنجى غەلىبىگە ئېرىشتۈردى . مىرئەخمەتكە بولسا گوللاندىيەنىڭ داڭلىق پۇتبول كوماندىسى ئاجاكىس كوماندىسىنىڭ كۆزى چۈشۈپ ، بۇ كوماندىنىڭ سىناق مەشىقىگە قاتنىشىش تەكلىپىنى تاپشۇرىۋالدى . بۇ ئارقا ــ ئارقىدىن كەلگەن خۇش خەۋەرلەر شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرىغا زور خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى . كىشىلەر شىنجاڭ پۇتبولىنىڭ شانلىق تارىخىي ئېچىلىشقا باشلىدى ، شىنجاڭ پۇتبولىنىڭ باھارى يېتىپ كەلدى دېيىشتى .

ئۆتكۈر ھەسەن     ئۆتكۈر ھەسەن مۇسابىقىدە (ئاق كىيىم)     ئۆتكۈر ھەسەن مۇسابىقىدە (ئاق كىيىم)
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر