ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

قۇم بورانلىق ناچار ھاۋارايى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە 13مىليون يۈەندىن كۆپرەك زىيان سالدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    غەيرەت ئۆمەر خەۋىرى : 12 – مارت باشلانغان قۇم بورانلىق، چاڭ – توزانلىق ناچار ھاۋارايى ئۇدا داۋاملىشىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى. بوران كۈچى توققۇز بالغا يېتىپ، ھەممە ناھىيە (شەھەر)دە ئاپەت پەيدا قىلدى. ۋىلايەت بويىچە 816 ئورۇندىكى پارنىك، 1363 مو سۇلياۋ يوپۇقلۇق لاپاس بوراننىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ، 547 تۇياق چارۋا مال ئۆلدى. بوران بالدۇر تېرىلغان 970 مو بەرەڭگە ئېتىزىنىڭ سۇلياۋ يوپۇقىنى ئۇچۇرتۇپ كەتتى، 414 تۈپ دەرەخنى قومۇرۇۋەتتى، ئايرىم جايلاردا ئوت ئاپىتى كۆرۈلدى. بۇ قېتىمقى قۇم بوران ئاپىتى پەيدا قىلغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىياننىڭ ۋىلايەت بويىچە 13 مىليون 135 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى، ئاتموسفېرا سۈپىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بولغانلىقى مۆلچەرلەندى.

    ھازىر، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىنى جىددىي ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتتى. تۈرلۈك چارە – ئاماللار بىلەن ئاپەت زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە تىزگىنلەشكە ئاتلاندى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!