ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئالىي مەكتەپ ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشتا كۆپ خىل ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

2011-يىلى03-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    جاڭ شيۈ خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسى يېقىندا ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى (يولغا قويۇش پىكرى)›› بىلەن يەرلىك باج يىغىشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە كونكرېت يولغا قويۇش پىكرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى، بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر ئىشقا ئورۇنلاشقاندا تېخىمۇ كۆپ باج ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

    ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، ‹‹ئىشسىزلىق كىنىشكىسى›› بار ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلەپ يەككە تىجارەت (بىناكارلىق، كۆڭۈل ئېچىش كەسپى شۇنىڭدەك مۇقىم مۈلۈكنى سېتىش، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئېلانچىلىق، ئۆي – زېمىن ۋاسىتىچىلىكى، سائۇنا، ئۇۋۇلاش، تورخانا، ئوكسىگېنخانا قاتارلىقلاردىن سىرت) بىلەن شۇغۇللانسا، ياللانما خادىملىرى يەتتىدىن ئاشمىسا، ئالدىنقى ئۈچ يىللىق تىجارەت بېجى، شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئاسراش بېجى، مائارىپ خىراجىتى قوشۇلما بېجى، يەرلىك مائارىپ خىراجىتى قوشۇلما بېجى، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ۋە ‹‹باج تىزىملىتىش كىنىشكىسى››نىڭ تەننەرخ ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، باج كەچۈرۈم قىلىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، ئىككى يىلغىچە تىجارەت بېجى، شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئاسراش بېجى، مائارىپ خىراجىتى قوشۇلما بېجى، يەرلىك مائارىپ خىراجىتى قوشۇلما بېجى، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى يېرىم ئېلىنىدۇ، ياللانما ئىشچىسى يەتتىدىن ئاشقانلار يەككە سودا – سانائەتچىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىشتىكى باج ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

    يەككە سودا – سانائەتچىلەر(بىناكارلىق، كۆڭۈل ئېچىش كەسپى، شۇنىڭدەك مۇقىم مۈلۈكنى سېتىش، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئېلانچىلىق، ئۆي – زېمىن ۋاسىتىچىلىتى، سائۇنا، ئۇۋۇلاش، تورخانا، ئوكسىگېنخانا قاتارلىقلاردىن سىرت) ئەينى چاغدا ‹‹ئىشسىزلىق كىنىشكىسى››بار ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنى يېڭىدىن قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىر يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ھەم ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان بولسا، بەش يىل ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قوبۇل قىلغان ئادەم سانىغا ئاساسەن، يىلدا ھەر بىر كىشىدىن 4800 يۈەن ئۆلچەم بويىچە تىجارەت بېجى، شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئاسراش بېجى، مائارىپ خىراجىتى قوشۇلما بېجى، يەرلىك مائارىپ خىراجىتى قوشۇلما بېجى، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

    كارخانىلار يېڭى كۆپەيتكەن ئىش ئورنىغا ‹‹ئىشسىزلىق كىنىشكىسى›› بار ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم پۈتكۈزگەنلەرنى يېڭىدىن قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىر يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ھەم ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان بولسا، بەش يىل ئىچىدە ئەمەلىي قوبۇل قىلغان ئادەم سانىغا ئاساسەن، يىلدا ھەر بىر كىشىدىن 4800 يۈەن ئۆلچەم بويىچە تىجارەت بېجى، شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئاسراش بېجى، مائارىپ خىراجىتى قوشۇلما بېجى، يەرلىك مائارىپ خىراجىتى قوشۇلما بېجى ۋە كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!