ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پاتىمە ئىسمائىل خەۋىرى ، فوتوسى : يېقىندا ، كېرىيە ناھىيەلىك س س م ب ئىدارىسىدىكى خادىملار ‹‹15–مارت›› ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ، ناھىيەدىكى ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ ، ياش–ئۆسمۈرلەرگە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ، يېمەكلىك بىخەتەرلىك بىلىملىرى ھەققىدە ساۋات سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى . پائالىيەتتە ، 5000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ساۋاتنى ئاڭلاپ ، سالامەتلىكىنى ئاسراش جەھەتتىكى قارىشىنى ئۆستۈردى ھەمدە ئەخلەت يېمەكلىك يېمەسلىككە ئىپادە بىلدۈردى .