ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئاپتونوم رايون مەملىكەتلىك‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى يەتكۈزدى ، ئىزچىللاشتۇردى

2011-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

  يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش

    ۋاڭ شىنخۇڭ خەۋىرى : ئاپتونوم رايون 16 – مارت چۈشتىن كېيىن كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ھەم ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جان – دىل بىلەن مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ يېڭى بۆسۈش، يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  نۇر بەكرى يىغىندا مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى يەتكۈزدى

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىندا مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

    ئاپتونوم رايون ھەم بېڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خەن يۇڭ، فۇ چياڭ، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، خۇ ۋېي، خۇا شىفېي يىغىنغا قاتناشتى.

جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلدى

    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››دا ئېلىمىزنىڭ ‹‹12 – بەش يىل››دىكى ئىقتىسادىي، ئىجىتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ كۈرەش نىشانى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى بېكىتىلىپ، بۇ يىللىق مۇھىم خىزمەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ياخشى يولغا قويۇشىمىز كېرەك. .1 شىنجاڭنىڭ ‹‹11 – بەش يىل››دا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرى ۋە توپلىغان مول تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، ئىشەنچىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇپ، ھازىرقى ئاساستا يەنە بىر بالداق ئۆرلىشىمىز كېرەك. .2 يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ۋە مۇھىم مەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈشىمىز كېرەك. .3 ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتناشقان شىنجاڭلىق ۋەكىللەر، ئەزالار ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، توردا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشى، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پىكىر ۋە تەكلىپلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنىڭ رايىنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پىروگراممىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. 

    جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى، بۇ، بۇ قېتىمقى ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ مۇھىم نۇقتىسى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى قىلىپ، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى قوللاندى. بۇلتۇرقى ئەمەلىيەت بۇ خىزمەتلەرنىڭ مەركەزنىڭ روھى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى، جەزمەن چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ياخشىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئىسپاتلىدى. خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ سېلىنمىسىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، 22 نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسىدىن خەلقنى ھەقىقىي بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك.

    بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››دا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى شەكىللەندى، بۇ ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇش تارىخىدىكى مۇھىم نامايەندە بولۇپ، چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ چاكارلاندى. جاڭ چۈنشيەن ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈپ ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بولغانىكەن ئاساسلىنىشنى، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، ئادەمنى ئاساس قىلىپ، مۇلازىمەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ناھىيە، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى، سىياسىي كېڭەشلەر ۋە يېزا – بازارلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى سايلام قانۇنى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان تۇنجى قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى شەھەر، يېزىلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى بويىچە سايلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىنچىكە تەشكىللەپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇندىشى كېرەك.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم نەزەرىيە سىستېمىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى تەرەققىياتنى تېزلىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا ھەقىقىي قارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى تونۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى تونۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىنى تونۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، يۈرت – ماكانىمىزنى تېخمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرايلى›› ناملىق ئاساسىي تېما تەربىيە پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا ۋەتەن قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹شىنجاڭچە ئۈنۈم››دە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئوبرازىنى ھەقىقىي تىكلەش كېرەك. ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىجادكارلىقى ۋە ئىجرا كۈچىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، ئورگانلارنىڭ ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىش كېرەك.

    جاڭ چۈنشيەن يەنە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن جەمئىيەت باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تور ۋە تارقىتىش ۋاسىتىلىرىگە ماسلىشىش، ئۇلارنى ئىگىلەش، ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، زامانىۋى ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنى خەلق رايىنى چۈشىنىش، نازارەتنى قوبۇل قىلىش، بىلىم ئىگىلەش، ئالاقە يولى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!