جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-مارت خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى دىيالا ئۆلكىسىدە 14-مارت يەرلىك ھۆكۈمەتكە قارىتىلغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېرىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 11 ئىراق ئەسكىرىنىڭ قازا قىلىشىنى، 29 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
دىيالا ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى دىيالا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى باقۇبا شەھىرىنىڭ شەرقىگە 20 كىلومېتىر كېلىدىغان كەنئان (Kanaan) بازىرىدىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن. 14-مارت ئەتىگەندە، بىر نەپەر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى لىق بومبا بېسىلغان ماشىنىنى يەرلىك ھەربىي بازىنىڭ بىناسىغا ھەيدەپ كىرىپ پارتلاتقان. ئىگەللىگەن ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، 11 نەپەر قازا قىلغۇچىنىڭ ھەممىسى ئىراق ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرى ئىكەن، يەنە 14 نەپەر ئەسكەر ۋە 15 نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى پارتلاشتا يارىلانغان.
ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى نەق مەيداننى قامال قىلغان ھەمدە يارىدارلارنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزغان.
دىيالا ئۆلكىسى ئىران بىلەن چېگىرلىنىدىغان بولۇپ، ئەل-قائىد ۋە ئامېرىكىغا قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھەركىتى جانلانغان رايونلارنىڭ بىرى. ئىراقتىكى بومبا ھۇجۇمىدا 12 ئادەم قازا قىلدى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!