ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلىجان ئىسمائىل خەۋىرى ، فوتوسى : باش ئەتىياز يېتىپ كېلىپ ، ھاۋا ئىللىشقا باشلىغان كۈنلەردە ، مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار ناھىيە— كېرىيە ناھىيەسى ئاممىۋى تەنھەرىكەت ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ، دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش ، خەلق ئاممىسىغا يېقىنلىشىپ ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ، يېقىندا 18–نۆۋەتلىك دېھقان–چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا خۇشاللىق ئاتا قىلدى . مۇسابىقىگە ، 15يېزا(بازار) ، مەيدان ۋە كوچا ئىش بىجىرىش باشقارمىسىدىن كەلگەن 18 ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى 1150 نەپەر تەنھەرىكەتچى 16چوڭ تۈر ، 33كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقىلەشتى ، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئامما مۇسابىقىنى كۆردى .
مۇسابىقە ھەرقايسى يېزا–بازارلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ، يەرلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ، سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداش بىلەن باشلاندى . كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئەل ئىچى تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن ئوغلاق تارتىشىش ، مىللىيچە چېلىشىش ، قوچقار سوقۇشتۇرۇش ، خوراز سوقۇشتۇرۇش ، ئىت تالاشتۇرۇش ، ئات بەيگىسى ، ئات يورغىلىتىش ، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش ، ياغاچ ھەرىدەش ، بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش ، تاغار يۈدۈپ يۈگۈرۈش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ ، دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ ئارزۇسى ، خۇشاللىقى ، ئىناق–ئىتتىپاقلىقى ئىپادىلەندى .
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقى ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقى ، شۇنداقلا كېرىيە ناھىيەسىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى ، ئۆرپ–ئادىتى ھەم ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى نامايەن قىلىدىغان بىر قېتىملىق كاتتا كۆرەك بولدى.
مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر: