ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

گېرمانىيەدىكى يەتتە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋاقتىنچە تاقىۋېتىلدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

12–مارت تارتىلغان گېرمانىيەنىڭ Neckarwestheim شەھىرىدىكى بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ سۈرىتى

     15–مارت ، گېرمانىيە زۇڭلىسى موكىر پايتەخت بېرلىن شەھىرىدە ، گېرمانىيەدىكى 1980 – يىلىدىن بۇرۇن ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن يەتتە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ۋاقتىنچە تاقىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بارلىق يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان . موكىر بۇ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن : ‹‹ ياپونىيەدىكى رادىئاتسىيە چىقىپ كېتىش ۋەقەسىدىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى ، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ لايىھەلىنىشى تەبىئەتنىڭ كۈچ – قۇدرىتى ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەس ›› .

  12–مارت تارتىلغان گېرمانىيەنىڭNeckarwestheimشەھىرىدىكى بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ سۈرىتى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!