ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ ، دۇنيا پەن–تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەش كېرەك
ۋۇ باڭگو ، ۋېن جياباۋ ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭ ، خې گوچياڭ ، جۇ يۇڭكاڭلار كۆرگەزمىنى كۆردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15 – مارت تېلېگراممىسى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جۇ يۇڭكاڭلار 14 – مارت چۈشتىن كېيىن ۋە كەچتە بېيجىڭ ئولىمپىك باغچىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان دۆلەت يىغىن مەركىزىگە كېلىپ، بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئېلىمىزنىڭ ‹‹11 – بەش يىل››دىكى مۇھىم پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى.
كۆرگەزمىدە ‹‹ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، ھالقىما تەرەققىي قىلىش›› باش تېما، ‹‹پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش›› ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، ‹‹11 – بەش يىل››دا ئېلىمىز پەن – تېخنىكا سېپىدە قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر سىستېمىلىق نامايان قىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى.
خۇ جىنتاۋ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار كۆرگەزمىنى ھاياجان ئىلكىدە كۆردى. ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى پەن – تېخنىكىسى مۇۋەپپەقىيىتى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان ‹‹خاسىيەتلىك كېمە – 7››نىڭ قايتىش بۆلۈمچىسى، ‹‹ئاي پەرى 3››نىڭ قونۇش ئۈسكۈنىسى ۋە ئاي شارى ماشىنىسى، شۇڭغۇش چوڭقۇرلۇقى 7000 مېتىرغا يېتىدىغان ‹‹سەل ئەجدىھاسى›› ناملىق ئادەملىك كىچىك چۆكمە كېمە، دۇنيا بويىچە ھېسابلاش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان ‹‹سامانيولى›› 1 – نومۇرلۇق ئادەتتىن تاشقىرى ھېسابلاش ماشىنىسى... بۇ بىر قاتار جىسىملار، مودېللار، سۈرەتلەر، سىنلار خۇ جىنتاۋ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلارنى كۈچلۈك جەلپ قىلدى، ئۇلار كۆپ قېتىم قەدىمىنى توختىتىپ كۆردى، خىزمەتچىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سورىدى. خۇ جىنتاۋ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار يەنە ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن C919 تىپلىق چوڭ ئايروپىلان مودېلىغا چىقىپ، ئايروپىلان بۆلۈمچىسىدىكى ئەسلىھەلەرنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، ئېلىمىزنىڭ چوڭ ئايروپىلان تەتقىق قىلىپ ياساش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرى ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى كۆرگەزمىنى كۆرگىلى كەلگەن رەھبىرىي يولداشلارنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇردى.
باش شۇجى خۇ جىنتاۋ كۆرگەزمىنى كۆرۈش جەريانىدا: ‹‹ئىككى يىغىن›› يېڭىلا غەلىبىلىك يېپىلدى، ئېلىمىزنىڭ ‹‹12 – بەش يىل››دىكى تەرەققىيات ئۇلۇغ پىلانى تۈزۈلدى. ‹‹12 – بەش يىل›› دىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان – ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداپ، كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ تۈپ نۇقتا پەن – تېخنىكىغا تايىنىش، ئەڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش، دېدى. ئۇ پەن – تېخنىكا سېپىدىكى يولداشلارنى بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، تېخىمۇ تىرىشىپ، پەن – تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانى، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان يادرولۇق تېخنىكا، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا، ئورتاق تېخنىكىدا كۈچەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مۇھىم پەن – تېخنىكا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، دۇنيا پەن – تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىش، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك پەن – تېخنىكا مەدىتى بىلەن تەمىنلەشكە قىزغىن رىغبەتلەندۈردى.