ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئاقسۇدا بوران چىقىپ 12 سائەتتە 34 قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

2011-يىلى03-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
باي ناھىيىسى قاتتىق بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، كۆكتاتچى دېھقانلار بوران ئۆرۈپ تاشلىغان پارنىكلىرىنى تۈزىمەكتە جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-مارت خەۋىرى: 14-مارت، مۇخبىر ئاقسۇ ۋىلايىتى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىدىن ئىگەللىشىچە، 3-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت نۆلدىن با
  

باي ناھىيىسى قاتتىق بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، كۆكتاتچى دېھقانلار بوران ئۆرۈپ تاشلىغان پارنىكلىرىنى تۈزىمەكتە
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-مارت خەۋىرى: 14-مارت، مۇخبىر ئاقسۇ ۋىلايىتى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىدىن ئىگەللىشىچە، 3-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ 13-مارت سائەت نۆلگىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە چاڭ توزانلىق بوران چىقىپ جەمئىي 34 قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئاقسۇ شەھىرىدە 16 قېتىم، باي ناھىيىسىدە 13 قېتىم، كۇچا ناھىيىسىدە 3 قېتىم، توقسۇ ناھىيىسىدە 2 قېتىم يۈز بەرگەن. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مېتېرولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى بىر ھەپتە ئىچىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئۇدا قۇم بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. كۈچلۈك قۇم بورانلىق ھاۋارىيى ئېلىپ كېلىدىغان ھەر خىل ئاپەتلەرگە ئومۇميۈزلۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى قىسىملاردىن ۋاقىتلىق جەڭگىۋار ھالەتكە كىرىشىنى، كۈچلۈك قۇم بورانلىق ھاۋارايىدا ئوت ئۆچۈرۈش قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تەييارلىق قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر