ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى يەتكۈزدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    مەدىنە تاھىر خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 17 – مارت چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلارغا مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۇنى سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەنى جارى قىلدۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى لازىم.

    ئەسقەت كەرىمباي مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون بىر قاتار مۇھىم خىزمەت، ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، شۇڭا سىياسىي كېڭەشكە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پائال تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش، تېما تەتقىقاتى قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا ماسلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!