شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئالىم خالىق بىلەن سەمىمىي كۆرۈشكەنلىكىدىن خاتىرە
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم

2011 – يىلى 20 – يانۋار چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4 بولغان چاغ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن بېشىغا بادام دوپپا كىيگەن ، قويۇق ساقال–بۇرۇت قويغان بىر ئۇيغۇر كىشىنى قولىدىن يېتىلىگىنىچە شىنجاڭ ‹‹مەرھابا›› مېھمانسارىيىنىڭ مېھمان كۈتۈش زالىغا باشلاپ كىرگەندە ، زال ئىچىدە ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغان مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇلارنى قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ قارشى ئالدى. بۇ كىشى دەل شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى. تەسىرلىك 2010 – يىل›› تېمىسىدىكى يىللىق تور شەخسلىرىنى باھالاش پائالىيتىىدە 245 مىڭ 50 ئاۋاز بىلەن 1 – لىككە ئېرىشكەن، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ بىجيې شەھىرىدە كاۋاپچىلىق قىلىدىغان ئالىم خالىق ئىدى.
شۇجى جاڭ چۈنشيەن ئالىم خالىقنى تۆرگە باشلاپ، ئۇنى ئۆز يېنىدا ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ بەي جىجيې، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ ۋېي، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېي قاتارلىق رەھبەرلەرنى بىرمۇبىر تونۇشتۇردى.
شۇجى جاڭ چۈنشيەن رەھبەرلەرنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئالىم خالىق بىلەن يانمۇيان ئولتۇرۇپ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.
— ئانا يۇرتىڭىزغا قايتىپ كېلىپ خۇشال بولدىڭىزمۇ؟ – دەپ سورىدى جاڭ چۈنشيەن.
— شۇنداق، بەكمۇ خۇشال بولدۇم. بولۇپمۇ، سىزنىڭ باشلامچىلىق بىلەن توردا ماڭا بىر بېلەت تاشلىشىڭىز بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار مېنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، مۇشۇنداق كاتتا شان – شەرەپكە ئېرىشتۈردى. شۇڭا، مەن سىزگە ۋە شىنجاڭ خەلقىگە كۆپتىن – كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
— سىزنى قوللاش ھەممەيلەننىڭ مەجبۇرىيىتى، شىنجاڭ خەلقى سىزنىڭ بۇ نەتىجىڭىزدىن چەكسىز پەخىرلىنىدۇ. يۇرتىڭىزغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟
— ئاۋال يۇرتۇم خېجىڭ ناھىيەسىگە بېرىپ، ئانام ۋە قېرىنداشلىرىمنى يوقلاپ كېلىشنى ئويلاۋاتىمەن.
— ئانىڭىز قانچە ياشقا كىردى؟ سالامەتلىك ئەھۋالى قانداق؟
— ئانام 74 ياشقا كىردى، سالامەتلىكى خېلى ياخشى.
— ئاڭلىسام، سىزنىڭ بىجيې خەلقى بىلەن بولغان دوستلۇقىڭىز بەكمۇ چوڭقۇر ئىكەن، شۇنداقمۇ؟
— بىجيې شەھىرىدىكى% 70 تىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى مېنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرىدۇ. يېقىندا مەن رەسمىي تۈردە بېجى شەھىرىنىڭ پۇقراسى بولدۇم ھەم شەھەرلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ سايلاندىم.
شۇجى جاڭ چۈنشيەن بىلەن ئالىم خالىقنىڭ سۆھبىتى مانا مۇشۇنداق تولىمۇ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋاملاشماقتا ئىدى. بۇ سۆھبەت شۇجى بىلەن ئاددىي بىر يەككە تىجارەتچىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئاتا بىلەن بالىنىڭ ياكى بىر تۇغقان قېرىنداشلارنىڭ سۆھبىتىگە بەكمۇ ئوخشاپ كېتەتتى.
جاڭ چۈنشيەن ئالىم خالىقنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
— شىنجاڭ خەلقى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، سىز كۆپ يىللاردىن بۇيان كاۋاپچىلىق قىلىپ تاپقان پۇلىڭىز بىلەن ياردەمگە موھتاج 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈپ كەپسىز. سىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭىز تولىمۇ ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن سىزنىڭ روھىڭىز بەكمۇ ئۇلۇغۋاردۇر. شۇڭا سىزنىڭ ئىش ئىزلىرىڭىز شىنجاڭ خەلقىنىلا ئەمەس، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى تەسىرلەندۈردى. مېنىڭچە، شىنجاڭ خەلقى سىزدىن تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتىن ئۆگىنىشى كېرەك، بىرىنچىدىن، سىزنىڭ ھەر قانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئۆز – ئۆزىڭىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىڭىزىدىن ئۆگىنىشى كېرەك. دۇنيادا ھەرقانداق ئادەم مەيلى قانداق ئىش قىلىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشىنى جاپا ئەمەس، بەلكى خۇشاللىق دەپ بىلسە، شۇنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ بەخت. مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، سىزنى ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشىدىن خۇشاللىق تاپقان بەختلىك كىشى دېسەك بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، سىزنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق، دەپ بىلىدىغان ئالىيجاناپ روھىڭىزدىن ئۆگىنىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، سىزنىڭ مەردۇ – مەردانە، كەڭ قورساق، باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرگەندە چىداپ تۇرالمايدىغان ئىنسانىي پەزىلىتىڭىزدىن ئۆگىنىشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، سىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى كۈندىلىك ھەرىكىتىڭىزگە ئايلاندۇرغان توغرا مەيدانىڭىزدىن ئۆگىنىشى كېرەك. چۈنكى، ياخشى ئىش قىلىش ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىش مىللەت ۋە دۆلەت ئايرىمايدۇ.
سۆھبەت تازا ئەۋجىگە چىققاندا، شۇجى جاڭ چۈنشيەن قولىغا بىر قىزىل بولاقنى ئېلىپ ئالىم خالىققا تەڭلەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
— مەن بۈگۈن سىزگە ئاز بولسىمۇ 10 مىڭ يۈەن پۇل ئېلىپ كەلدىم، بۇ پۇل ھۆكۈمەت پۇلى ئەمەس، بەلكى مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ شەخسىي كۆڭلى. بۇ پۇلنىڭ 5000 يۈەنىنى ئانىڭىزغا ئالغاچ بېرىڭ، قالغان 5000 يۈەنىنى كەلگۈسى توي قىلىدىغان لايىقىڭىزغا بېرىڭ. ھە راست، لايىق تاپقاندا چوقۇم مەن بىلەن كۆرۈشتۈرۈڭ، مەن سىلەرنى مېھمان قىلىمەن. ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى بەك سوغۇق، شۇڭا بۇ قىشلىق چاپاننى كىيىۋىلىڭ، بۇ بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرنىڭ سىزگە قىلغان كۆڭلىمىز.
جاڭ چۈنشيەننىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن تەڭ زال ئىچىدە قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى. مۇشۇ مىنۇتلاردا ئالىم خالىقنىڭ چاناقلىرى ئىختىيارسىز نەملەندى.
— شۇجى، مەن كېيىن يەنە يۇرتۇمغا كەلسەم سىز بىلەن كۆرۈشەلەمدىم؟–دەپ سورىدى ئالىم خالىق.
— ئەلۋەتتە كۆرۈشەلەيسىز. مېنىڭ ئىشىكىم سىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئوچۇق، مۇنداق قىلايلى، مەن سىزگە ئاكا بولاي، سىز ماڭا ئۇكا بولۇڭ، ئىككىمىز ئاكا – ئۇكا بولۇپ قېرىنداشتەك ئۆتەيلى. بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بولسا تارتىنماي مېنى ئىزدەڭ.
