ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى شىنجاڭ پائالىيەت ھەپتىلىكى باشلاندى

2010-يىلى09-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
شىنجاڭ پائالىيەت ھەپتىلىكى    ‹‹ ئىناق ۋە گۈزەل شىنجاڭ ›› نى باش تېما قىلغان شىنجاڭ پائالىيەت ھەپتىلىكى 26–سېنتەبىردىن 30–سېنتەبىرگىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ ، شىنجاڭ مەدەنىيەت–سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن يارقىن نۇقتىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ ، شىنجاڭنىڭ مىللىي
  

شىنجاڭ پائالىيەت ھەپتىلىكى

   ‹‹ ئىناق ۋە گۈزەل شىنجاڭ ›› نى باش تېما قىلغان شىنجاڭ پائالىيەت ھەپتىلىكى 26–سېنتەبىردىن 30–سېنتەبىرگىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ ، شىنجاڭ مەدەنىيەت–سەنئىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن يارقىن نۇقتىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ ، شىنجاڭنىڭ مىللىي كەيپىياتى ، مىللىي ئۆرپ–ئادەتلىرى ، تەبىئىي مەنزىرىسى ، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ، ئاز سانلىق مىللەت كىيىم–كېچەكلىرى ۋە مىللىيچە ناخشا–ئۇسسۇل سەنئىتى قاتارلىقلارنى تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىپ ، تاماشىبىنلارنى شىنجاڭنىڭ مول ۋە رەڭدار مەدەنىيەت سەنئىتى بىلەن يېقىندىن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ ، ‹‹ناخشا–ئۇسسۇل ماكانى››نىڭ بەدىئىي جەلپكارلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرىدۇ ، تاماشىبىنلارنى شىنجاڭدىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ–ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيەت مەزمۇنلىرىدىن بەھىرلەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ–ئادىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ . پائالىيەتتە ئورۇندىلىدىغان نومۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقامى ، قىرغىزلارنىڭ ‹‹ماناس›› ى ، خۇيزۇلارنىڭ ‹‹گۈل››ى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!