ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10 - ئومۇمىي ( كېڭەيتىلگەن ) يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى :
يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېلەر يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى % 10 تىن ئاشۇرۇش مۆلچەرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ، جاڭ چۈنشيەن مۇھىم سۆز قىلدى


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇھىم سۆز قىلدى .
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ‹‹ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىىڭ ‹ 12 - بەش يىللىق › يىرىك پىلان تېزىسى ( پىكىر ئېلىش نۇسخىسى ) ›› غا چۈشەنچە بەردى .
ئەركىن ئىمىرباقى ، ئەسقەت كەرىمباي ، چې جۈن ، خەن يۇڭ ، فۇ چياڭ ، خۇاڭ ۋېي ، شەۋكەت ئىمىن ، نۇرلان ئابىلمەجىن ، سۇڭ ئەيرۇڭ ، جۇ خەيلۇن ، بەي جېجيې ، كۈرەش مەخسۇت ، ئەركىنجان تۇراخۇن ، خۇ ۋېي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى .
يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى : دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ ، مەركەزنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن ) يىغىنىدا بېكىتىلگەن كونكرېت ئىستراتىگىيەلىك تاللاشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، بايلىقنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېچىش ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قوغداش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ ، غەربكە ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ، يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ ، سىياسىي ئومۇمىيلىقنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ ، تىرىشىپ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى ھەم ياخشى ، ھەم تېز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك .
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمىتىنىڭ كېلەر يىلدىكى ئاساسىي كۆزلىگەن نىشانى : ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى % 10 تىن ئاشۇرۇش ؛ سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى % 17 ئاشۇرۇش ؛ يەرلىك مالىيەنىڭ ئادەتتىكى خام چوت كىرىمىنى % 20 ئاشۇرۇش ؛ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى % 25 ئاشۇرۇش ؛ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى % 17 ئاشۇرۇش ؛ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى % 18 ئاشۇرۇش ؛ ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ ئېشىش دەرىجىسىنى % 4 ئەتراپىدا تىزگىنلەش ؛ شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىش ئورنىنى 350 مىڭغا يەتكۈزۈپ ، شەھەر - بازارلاردا تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى % 4 ئىچىدە تىزگىنلەش ؛ شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى % 11 ، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى % 11 ئاشۇرۇش ؛ نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى ‰ 11 ئىچىدە تىزگىنلەش .
جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 010 - يىلىدىكى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى . ئۇ مۇنداق دېدى : 2010 - يىلى شىنجاڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسى ۋە ‹‹ 5 - ئىيۇل ›› ۋەقەسىنىڭ قوش تەسىرىگە ئۇچرىغان ، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق مۇرەككەپ جىددىي ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن ، خىرىسقا تولغان بىر يىل بولدى ؛ شۇنداقلا مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ، شىنجاڭ تارىخىي چوڭ پۈرسەتكە ئېرىشكەن ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبى ئۈمىدكە تولغان ۋە ئىشەنچسى چىڭىپ ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان بىر يىل بولدى . بىز مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، قىيىنچىلىق ئالدىدا ئىگىرىلەپ ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، خىزمەتلەردە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ئىشلاردا تېز تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت كۆرۈلۈپ ، ئىقتىسادتا كۆزلىگەن نىشانغا ئاساسەن يەتتۇق . ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملاشتى ، تىزگىنلەندى ۋە ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ .
جاڭ چۈنشيەن ئىچكى - تاشقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى : شىنجاڭنىڭ ‹‹ 12 - بەش يىل ›› دىكى ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىلمىي تەرەققىياتنى ئاساسىي تېما ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ ، ئومۇمىيلىقنى كۆزلەپ ، ئىلمىي پىلانلاپ ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ، تەرەققىيات 1 - ۋەزىپە ، دېگەن قاراشتا باشتىن - ئاخىر تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ، ئادەمنى ئاساس قىلىشقا ، ئومۇميۈزلۈك ، ماس ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ، بىر تۇتاش پىلانلاش ، تەڭ ئېتىبار بېرىشكە ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ ، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇپ ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك .
جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭنىڭ ‹‹ 12 - بەش يىل ›› دىكى ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى توغرىسىدا مۇنداق دېدى : تەرەققىيات 1 - ۋەزىپە دەيدىغان قاراشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئىلىمىي ھالقىشىنى ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك ؛ ‹‹ تۈزۈملەشتۈرۈش ، ئۆلچەملەشتۈرۈش ، تەرتىپلەشتۈرۈش ›› مۇساپىسىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ ، تەرەققىياتنى تېزلىتىشنىڭ پايدىلىق ئېگىزلىكىنى ئىگىلەش كېرەك ؛ بايلىق ئېچىش ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش يولىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك ؛ ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىش كېرەك ؛ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشنى ئىقتىسادىي ، تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش كېرەك .
جاڭ چۈنشيەن ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى : يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تۈرتكە قىلىپ ، كۆمۈر بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ ، نېفىت ، نېفىت خىمىيە ئىككىلەنچى كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ، جىددىي قىس بولۇۋاتقان قېزىلما بايلىقنى ئۇنىۋېرسال ئېچىپ پايدىلنىشنى ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك . ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ، سۇ تېجەر يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىرىشىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، زامانىۋى دېھقانچىلق ، چارۋىچىلىقنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . شەھەر - بازار پىلانىنى ئاساس قىلىپ ، شەھەر - يېزا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ، شەھەرلەرنىڭ كەسىپتە تىرەك بولۇش رولىغا ئەھمىيەت بېرىپ ، يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك . كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، قەشقەر ، قورغاستىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ، كەسىپ رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك . سۇچىلىق ، قاتناش ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ، شەھەر ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك . غەربكە ئېچىۋېتىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ ، يېڭى تەرەققىيات ئەۋزەللىكى شەكىللەندۈرۈش كېرەك . خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ ، خەلقنى بېيىتىش ، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ، چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ، قوش تىل مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك . شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك .
جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى : ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىقنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش كېرەك . ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇقىملىقنى چىڭ ۋەزىپە ، 1 - مەسئۇلىيەت قىلىش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىل ، ھۆكۈم ۋە تەدبىر ، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىقنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىشى كېرەك .
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى : ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا دادىل بولۇپ ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان ۋەزىپىنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن ياخشى ئادا قىلىپ ، ھەر بىر خىزمەتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ، ئەمەلىي ، ياخشى ئىشلىشى كېرەك ؛ پارتىيە كادىرلارنىڭ چىرىكلىشىشىدىن قاتتىق ساقلىنىپ ، ئۇلارنىڭ قاتتىق باشقۇرۇپ ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ ، ئىستىلدا دۇرۇش بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك .
جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئومۇمىي يىغىندا دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى .

چۈشتىن كېيىن ، يىغىن گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزدى . جاڭ چۈنشيەن 26 - گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مائارىپ ساھەسىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ ، پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى .