ئېستونىيە، تىتانىكقا كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز! چۈنكى ئېستونىيە ياۋرو رايونىغا كىرىشى گرىتسىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمى سەۋەبلىك كىرزىسقا پېتىپ قالغان ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغان.
ئېستونىيە 2011-يىلى1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ ياۋرو رايونىنىڭ 17-ئەزاسى بولغان. ئېستونىيە باش مىنىستىرى ئاندۇرۇس ئانسپ(Andrus Ansip ) پايتەخت تاللىن شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى دۆلەتلىك تىياتىرخانا مەيدانىدىكى بانكىنىڭ پۇلئالغۇسىدىن ئېستونىيەنىڭ بىرىنچى ياۋروسىنى ئالغان.
ئېستونىيە 1991-يىلى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋرو رايونىغا كىرىشنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم نىشانى قىلىپ كەلگەن ئىدى ھەمدە 2004-يىلى 5-ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولدى.
2009-يىلى 3-ئايدا، ئېستونىيە ھۆكۈمىتى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن قالماي ياۋرو رايونىغا كىرىش قارارىنى ماقۇللىغان. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 27 دۆلىتىنىڭ ئىقتىساد ۋە مالىيە مىنىستېرلىرى 2010-يىلى 7-ئايدا بېلگىلىيەنىڭ پايتەختى بېريۇسېلدا يىغىن ئېچىپ، ئېستونىيە ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىشالايدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان، ئېستونىيەنىڭ 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ياۋرو رايونىغا كىرىشىنى تەستىقلىغان.
مەنبە: BBC تورى(نەپرەت)
BBC ۋەCNN تورىنىڭ 31-دېكابىردىكى خەۋىرىنىڭ MP3 ھۆججىتىنى چۈشۈرىۋېلىڭ