Su-34Fullback كۈرەشچى-بومباردىمانچى ئايروپىلانى
روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى روسىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 2015-يىلغىچە 100 دانە سۇخويى(Sukhoi) كۈرەشچى ئايروپىلانى تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋىلادىمىر درىك(Vladimir Drik) نىڭ دېيىشىچە، سۇخويى ئايروپىلان لاھىيلەش شېركىتى بىلەن ئۈچ باسقۇچلۇق تەمىنلەش توختامىغا ئىمزا قويۇپ بولغان.
5-ئەۋلاد ئىلغار SU-35Flanker-E كۆپ قوللىنىشچان كۈرەشچى ئايروپىلانىغا 5-ئەۋلاد تېخنىكا ئىشلىتىلگەن، ئوندىن كۆپ ئىلغار SU-27SM كۆپ قوللىنىشچان كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە SU-30M2Flanker-C كۆپ قوللىنىشچان كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىمۇ تەمىنلەيدۇ.
باياناتچىنىڭ دېيىشىچە، روسىيە ھاۋا ئارمىيىسى يەنە 25 دانە يېڭى Su-34Fullback كۈرەشچى-بومباردىمانچى ئايروپىلانمۇ تاپشۇرۇۋالىدىكەن.