ئۆكتىچىلەر رھبىرى ئەل-تۇرابى 'خەلق ئىنقىلابى' ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقتىن، سۇدان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۇنى خارتۇمدىكى ئۆيىدە قولغا ئالغان.
ئەل-تۇرابىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىسى پارتىيىسىنىڭ باياناتچىسى ئەل-جەزىرە مۇخبىرىغا دېيىشىچە، سۇدان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ھەسەن ئەل-تۇرابىنى خارتۇمدىكى ئۆيىدە قولغا ئېلىنغان.
ئەل-تۇرابىنىڭ پارتىيىسى ھۆكۈمەتنىڭ مال باھاسى ئۆرلەپ كېتىشكە تەدبىر قوللانمىغانلىقىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ 'خەلق ئىنقىلابى' ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلغاندىن كېيىن، سۇدان بىخەتەرلىك قىسىملىرى 17-يانۋار ئۇنى قولغا ئالغان.
بەشىر ئادەم راخمان ئەل-جەزىرە مۇخبىرىغا:« ئۇ يەنە باشقا 5 نەپەر خادىم بىلەن بىللە قولغا ئېلىندى، ئەمما بىز سەۋەبىنى بىلەلمىدۇق، چۈنكى ئۇلار قولغا ئالغاندا ھېچقانداق سەۋەبىنى كۆرسەتمىدى» دېگەن.
راخمان يەنە:« ھەر قېتىم سىياسىي كىرزىس كۆرۈلگەندە...ئۇلار ئالدى بىلەن تۇرابى ئەپەندىنى قولغا ئالىدۇ. مېنىڭچە ھۆكۈمەت ئۇنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرىشىدىن قورقىدۇ، سۇداندا ئەركىنلىك يوق » دېگەن.
ئىقتىساد ئىنتايىن چاتاق ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان ھەمدە تۇنىستىن ئەركىنلىك شاماللىرى ئۇچۇپ كەلگەن بولغاچقا، سۇدان مۇستەبىتلىرى قاياقتىن ئەركىنلىك شەپىسى چىقسا شۇ ياقنى خەتەرلىك دەپ قارايدۇ.
' ئۇلار ئادەم تۇتساقلا، داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈزگۈزەلەيمىز دەپ قارايدۇ'.
مەنبە: ئەل-جەزىرە تورى(نەپرەت)