ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مېكسىكىدا 30 زەھەر گوروھى ئەزاسى ۋە قورال ياراغلار قولغا چۈشتى

2010-يىلى10-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:nur.cn يوللىغۇچى: ئايگۇل
نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، ئىككى كۈنلۈك تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىن كىيىن، مېكسېكا ئالاھىدە قىسىمى، بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ زوراۋان زەھەر گوروھى دېڭىز قولتۇقىگوروھىنىڭ 30 ئەزاسىنى قولغا چۈشۈرگەن، ھەمدە زور مىقداردىكى ئېغىر تىپلىق قوراللارنى يىغىۋالغان.
  



نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، ئىككى كۈنلۈك تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىن كىيىن، مېكسېكا ئالاھىدە قىسىمى، بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ زوراۋان زەھەر گوروھى «دېڭىز قولتۇقى»گوروھىنىڭ 30 ئەزاسىنى قولغا چۈشۈرگەن، ھەمدە زور مىقداردىكى ئېغىر تىپلىق قوراللارنى يىغىۋالغان.
مېكسىكا ھەربىي تەرەپ پايتەخت مېكسىكىدىكى بىر ھەربىي بازىدا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بۇ ئىشنى ئاشكارلىغان، ھەمدە 30 نەپەر گوروھ ئەزاسىنى ۋە ئولجا ئالغان قورال ياراغلارنى كۆرسەتكەن.
مېكسىكا ھەربىي تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى كۈنلۈك تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ، 30 نەپەر زەھەر گوروھىنىڭ ئەزاسىنى قولغا چۈشۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئايالمۇ بار ئىكەن. قوراللاردىن، 50دانە تاپانچا، ئىككى دانە گراناتاميوت، 21 دانە گرانات ۋە باشقا بىر قىسىم قوراللار بار ئىكەن.
نۇرغۇن دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكىرىنىڭ قاراۋۇللىقى ئاستىدا، 30 نەپەر گوروھ ئەزاسى بىر قاتار بولۇپ تىزىلىپ ئالدىغا قورال ياراغلارنى قويۇپ مۇخبىرلارنىڭ سۆرەتكە تارتىۋېلىشى ئۈچۈن تۇرۇپ بەردى. 

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!