تەبرىكلەش يىغىنىغا لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى لى چاڭسەي ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

ئالدى بىلەن، جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن لەنجۇ ھەربىي رايونى مەلۇم ساپيورلار تۇەنىدىكى بارلىق كوماندىر – جەڭچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى! بارلىق كوماندىر – جەڭچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى!
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: لەنجۇ ھەربىي رايونى مەلۇم ساپيورلار تۇەنى ئېگىزلىكتىكى قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئۇدا يەتتە يىل ئۈستىگە ئالدى. ناچار تەبىئىي مۇھىت، مۈشكۈل بۇرچ – ۋەزىپە، كەسكىن قىيىنچىلىق – خىرىس ئالدىدا، كوماندىر – جەڭچىلەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى ھەر ۋاقىت بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ھازىرقى زامان ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماي، قەتئىي ئىرادە بىلەن ۋەتەننى قوغداپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ياشلىق باھارى، ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە قارلىق ئېگىزلىكتىكى بۇرچقا سادىق بولۇش، بۇرچ ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش، بۇرچنى يەردە قويماسلىقتەك قەھرىمانلىق مەدھىيەسىنى ياڭراتتى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: لەنجۇ ھەربىي رايونى مەلۇم ساپيورلار تۇەنىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ساپيورلار تۇەنىنىڭ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ شان – شەرىپى بولۇپلا قالماستىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقمۇ پەخىرلىنىدىغان ئىش. ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، بېغىشلاشتىن باش تارتماي، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق بولۇپ قالىدۇ.
جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوندا لەنجۇ ھەربىي رايونى مەلۇم ساپيورلار تۇەنىنىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرىنى كەڭ دائىرىلىك تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، بۇرچقا سادىق بولۇشتەك قەتئىي ئېتىقادىدىن؛ جاپا – مۇشەققەتتىن باش تارتماي، بېغىشلاشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشتەك ئالىيجاناپ پەزىلىتىدىن؛ خېيىم – خەتەردىن قورقماي پىداكارلىق كۆرسىتىشتەك قەھرىمانلىق جاسارىتىدىن؛ يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىلمىي روھىدىن ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتا ۋەتەننى سۆيۈپ ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز ئىش ئورۇنلىرىدا ئىجتىھات بىلەن خىزمەت قىلىپ، تۆھپە قوشۇپ ئىگىلىك تىكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.
لى چاڭسەي تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئومۇمىي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، لەنجۇ ھەربىي رايونى مەلۇم ساپيورلار تۇەنىنى بىرىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىشنى تەستىقلىدى. بۇ ساپيورلار تۇەنىنىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك ۋە ئالاھىدە قەدىرلىگەنلىك، شۇنداقلا ساپيورلار تۇەنىدىكى بارلىق كوماندىر – جەڭچىلەرگە بولغان تەربىيە ۋە ئىلھام. ئۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، كوماندىر – جەڭچىلەردىن ساپيورلار تۇەنىنىڭ پارتىيەگە بولغان سادىقلىقى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش قەتئىي ئېتىقادى، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتەك ئالىيجاناپ ئىنتىلىشى، ئىلمىي تەرەققىي قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشتەك يېڭىلىق يارىتىش روھى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇشتەك ئېسىل ئىستىلىدىن ئۆگىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
تەبرىكلەش يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى جۇ جىنلىن رىياسەتچىلىك قىلدى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ جيەنمىن يىغىندا سۆز قىلدى.