ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

2011 – يىللىق ئارمىيە – خەلق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات – سەنئەت كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2011-يىلى01-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
خۇ جىنتاۋ ، ۋۇ باڭگو ، ۋېن جياباۋ ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، لى كىچياڭ ، خى گوچياڭ ، جۇ يوڭكاڭ قاتارلىقلار كېچىلىكنى كۆردى   26–يانۋار ، 2011–يىللىق ئارمىيە–خەلق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات–سەنئەت كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. كېچىلىك
  

خۇ جىنتاۋ ، ۋۇ باڭگو ، ۋېن جياباۋ ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، لى كىچياڭ ، خى گوچياڭ ، جۇ يوڭكاڭ قاتارلىقلار كېچىلىكنى كۆردى

  26–يانۋار ، 2011–يىللىق ئارمىيە–خەلق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات–سەنئەت كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. كېچىلىك ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق رەھبەرلەر سەھنىگە چىقىپ ، ئارتىسلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ، كېچىلىكنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى

   شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 26–يانۋار تېلېگراممىسى: 2011–يىللىق ئارمىيە–خەلق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات–سەنئەت كېچىلىكى 26–يانۋار كەچ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى . پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ ، ۋۇ باڭگو ، ۋېن جياباۋ ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، لى كىچياڭ ، خى گوچياڭ ، جۇ يوڭكاڭ قاتارلىقلار پايتەختتىكى ئارمىيە–خەلق بىلەن جەم بولۇپ ، باھار بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

   خەلق سارىيى رەڭلىك پانۇس ۋە رەڭدار گۈللەر بىلەن ئىنتايىن چىرايلىق زىننەتلەنگەن بولۇپ ، خۇشال بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەن ئىدى . كەچ سائەت 7:40 لاردا ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كېچىلىك زالىغا كىرگەندە ، زالدا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. خۇ جىنتاۋ قاتارلىق رەھبەرلەر كۆپچىلىككە قىزغىن ئېھتىرام بىلدۈرۈپ ، باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

   ‹‹ئارمىيە–خەلق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش›› ناملىق تەنتەنىلىك ھەربىي مۇزىكا ۋە ناخشا–ئۇسسۇل بىلەن باشلانغان كېچىلىك ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى. ‹‹باھار مىلودىيەسى››، ‹‹ئانا ۋە ئەسكەر››، ‹‹ھەربىي ئانا ››، ‹‹ ساداقەت ››، ‹‹ دائىم تەييار بىز›› ، ‹‹خەلقنىڭ ھاجىتى چۈشكەندە›› ، ‹‹بىز خەلق بىلەن بىللە››، ‹‹بايراق قەسىدىسى››... قاتارلىق ئېسىل نومۇرلاردا ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ ، خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، بىرلىكتە ئىناق ، گۈزەل يۇرت–ماكان قۇرغانلىقى ؛ ئېلىمىز قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلەر؛ ھەربىي قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئارمىيەنى قىزغىن سۆيۈپ ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش سەمىمىي ساداقىتى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، كېچىلىك كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.

   كېچىلىك ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق رەھبەرلەر سەھنىگە چىقىپ ، ئارتىسلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ، كېچىلىكنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

   ۋاڭ گاڭ ، ۋاڭ لېچۈەن ، ۋاڭ جاۋگو ، ۋاڭ چىشەن ، خۇي لياڭيۈ ، ليۇ چى ، ليۇ يۈنشەن ، ليۇ يەندۇڭ ، لى يۈەنچاۋ ، جاڭ دېجياڭ ، شۈ سەيخۇ، گو بوشيۇڭ ، خى يوڭ ، لىڭ جىخۇا ، لى جيەنگو، لياڭ گۇاڭليې، ما كەي، مىڭ جيەنجۇ، ئابلەت ئابدۇرېشىت ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئەزالىرىدىن چىن بىڭدې ، لى جىنەي ، لياۋ شىلۇڭ ، چاڭ ۋەنچۈەن ، جىڭ جىيۈەن، ۋۇ شىڭلى، شۈ چىلياڭلار كېچىلىكنى كۆردى.

   كېچىلىكنى يەنە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ، مەملىكەتلىك ‹‹قوش ھىمايە قىلىش›› خىزمىتىگە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار ، بېيجىڭ شەھىرى ۋە ئازادلىق ئارمىيەنىڭ تۆت باش ئىشتابى ، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىدىكى مەسئۇل يولداشلار ، مەملىكەتلىك ‹‹قوش ھىمايە قىلىش›› تىكى نەمۇنىلىك ناھىيە (شەھەر)، ‹‹قوش ھىمايە قىلىش›› تىكى ئۈلگىلىك ئورۇن ۋە شەخس ۋەكىللىرى ، شۇنداقلا بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ ئوفىتسېر–ئەسكەرلىرى ۋە پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى كۆردى.

   ‹‹ئۇلۇغ بايراق باشلىغان يول›› تېمىسىدىكى بۇ كېچىلىكنى مەملىكەتلىك ‹‹قوش ھىمايە قىلىش›› خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ، رادىيو–كىنو–تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ۋە ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي ئورگىنى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن.

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!