ئامېرىكا « نيورك ۋاقىت گېزىتى » نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە پۈتكۈل ئىراققا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىۋېتىپتۇ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن شەھەر زاخودىن تارتىپ جەنۇبىدىكى مۇھىم شەھەر بەسرەگىچە، تۈركىيە بىلەن ئىران مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە سودا-سانائەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان « يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ » نى ئىشقا سېلىپ كەسكىن تالىشىۋېتىپتۇ.
تۈركىيە ئىلگىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كورد ئاپتونوم رايونىنى بىر مەزگىل تەھدىد دەپ قارىغان ئىدى، ئەمما ھازىر سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، گۈزەل دوستلۇق بەرپا قىلىشقا باشلىغان. تۈركىيە ئىراق چېگرىسىدىكى ئىبراھىم خەلىل يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ 26-تەكشۈرۈش بېكىتىدە، ھەر كۈنى تۈركىيەنىڭ قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى، كىيىم-كېچەك، ئائىلە سايمانلىرى، يېمەكلىك قاتارلىق ماددىي-ئەشيالار لىق بېسىلغان 1500 ماشىنا ئىراققا كىرىپ تۇرۇدىكەن. 2010-يىلى، تۈركىيە بىلەن ئىراقنىڭ سودا سوممىسى 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، تۈركىيە ئەمەلدارى 2-3 يىلدىن كېيىن ئىراق تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئېكىسپورت بازىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغىنى، ئەنقەرە « تېرورىزىمنىڭ ئۇۋىسى » دەپ قارايدىغان كورد ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى ئېربىل تۈركىيە سىياسىي ۋە سودا پائالىيىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغان، بۇ جايدا 15 مىڭ تۈركىيە ئورگىنى بار بولۇپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى %70 چەتئەل مەبلىغى تۈركىيەدىن كەلگەن، تۈركىيەنىڭ ئېربىلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھەر كۈنى 300 پارچە ۋىزا تارقىتىدىكەن، تۈركىيە يەنە ئېربىلدا 19 مەكتەپ ئېچىپ 5500 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيلىگەن، تۈركىيەنىڭ تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدا قاتتىق مودا بولغان.
بىراق، تۈركىيە بىلەن ئىراقنىڭ مۇناسىۋىتىدە توساقمۇ بار. 2007-يىلى، ئامېرىكىنىڭ سۈكۈت قىلىشى بىلەن، تۈركىيە « كورد تېرورچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى توساش » نى باھانە قىلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدا 1500 ئەسكەر تۇرغۇزدى، باغداد ئەمەلدارى ئامېرىكىغا كۆپ قېتىم تۈركىيە ئىراقنىڭ شىمالىنى يۇتۇۋالماقچى بولىۋاتىدۇ دەپ ئاغرىندى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، تۈركىيە بىلەن ئىران ئىراق نوپوسى ئەڭ كۆپ بولغان شىئەلەرنى تالىشىشنى كۈچەيتكەن، تۈركىيە دېپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ ئىراقتىكى ۋەزىپە مۇددىتى ئادەتتە 2 يىل بولۇپ، ئۇلار ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ۋاقىتتا ئىراننىغا مايىل كۈچلەرنىڭ ئىراق ھاكىمىيىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچى بىلەن جەنۇبتىكى شىئە رەھبەرلىرى بىلەن مۇناسىۋەت باغلىغان.