ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت چەرچەن ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت–تەنتەربىيە خىزمىتىنى تەكشۈرۈشتە بولدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   * ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز پولات نىياز ، تۇرسۇن ئابدۇللالار خەۋىرى ، فوتوسى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى پارتگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى يىن يۇلىن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى جەنجۈن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى توختى ياقۇپ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ھەيئىتى ، مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شېڭ چۈنشۇ ھەمدە مالىيە، مەدەنىيەت، سەھىيە نازارەتلىرىنىڭ بىر قىسىم باشقارما باشلىقلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا چەرچەن ناھىيەسىگە كېلىپ ، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت–تەنتەربىيە خىزمىتىنى تەكشۈرۈشتە بولدى.

رەئىس تىلىۋالدى ئابدۇرىشىت قاتارلىق رەھبەرلەر ناھىيەلىك مۇزېيخانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا

   تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت دەسلەپتە ناھىيەلىك مۇزېينى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى ، ئاندىن چەرچەن ناھىيەلىك مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىگە كېلىپ بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىگە نومۇر تەييارلاۋاتقان ئەلنەغمىچىلەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ، ئۇلاردىن ئەھۋال سورىدى ھەمدە ناھىيەلىك مەدەنىيەت–تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ يەنلۇڭدىن ئۇلارنىڭ كەسىپ ، تۇرمۇش ، تەمىنات ئەھۋاللىرىنى تەپسىلى سورىدى ، ناھىيە رەھبەرلىرىگە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەلنەغمىچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئازراق بولسىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەكىتلىدى . ئۇ يەنە ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىخانىسىدىكى چەرچەننىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىپ يىغىپ ساقلىنىۋاتقان ، تىپىك خاسلىقىغا ئىگە بولغان 72 خىلدىن ئارتۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە مەدەنىيەت–تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن يۈكسەك نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇدى.

   تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت قاتارلىق رەھبەرلەر مەدەنىيەت يۇرتىدىن چىقىپ چوڭكۆل يېزىسى دۆڭمەھەللە كەنتىدىكى دېھقانلار ئائىلە كىتاپخانىسى ئاچقان مەمتىمىن تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ مەھەللىدىكى دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ دېھقانلار ئائىلە كىتاپخانىسىدىن پايدىلىنىش ئەھۋاللىرىنى تەپسىلى ئىگىلىدى. رەئىس تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت چەرچەن ناھىيەسىنىڭ توغراقلق يېزىسىدىكى سېلىنغىلى 100 يىل بولغان ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان توغراقلىق بەگ قورۇقى ، مەملىكەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى . ئاخىرىدا ، ناھىيەلىك مۇزتاغ مېھمانخانىسىدا ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى ۋە ئەلنەغمىچىلەر ئورۇندىغان سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى ، ئەلنەغمىچىلەر بىلەن بىرگە مەشرەپكە چۈشتى .

تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت قاتارلىق رەھبەرلەر چەرچەن ناھىيەلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىدە

  تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت قاتارلىق رەھبەرلەر ئەلنەغمىچىلەردىن ئەھۋال سورىماقتا     تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت قاتارلىق رەھبەرلەر ئەلنەغمىچىلەردىن ئەھۋال سورىماقتا     تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت قاتارلىق رەھبەرلەر دېھقانلار ئائىلە قىرائەتخانىسىدا  

تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت قاتارلىق رەھبەرلەر چوڭكۆل يېزا دۆڭمەھەللە كەنتىدىكى مەمتىمىن تۇرسۇننىڭ دېھقانلار ئائىلە كىتاپخانىسىدا كىتاپ ئارىيەت ئېلىش–بېرىش تىزىملىكىنى كۆرمەكتە

تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت قاتارلىق رەھبەرلەر ئەلنەغمىچىلەر بىلەن بىرگە مەشرەپ ئوينىماقتا

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!