ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى‹‹8–مارت قىزىل بايراقدارى››شەرىپىگە ئېرىشكەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەردىن ھال سورىدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    خالىدە ئوبۇل خەۋىرى : ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كې لى قاتارلىق رەھبەرلەر يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئىلغار ئاياللار كوللېكتىپى ۋە ئىلغار ئايال شەخسلەردىن ھال سورىدى.

    ئەركىن تۇنىياز، كې لى قاتارلىق رەھبەرلەر مەملىكەت بويىچە ‹‹8 – مارت قىزىل بايراقدار كوللېكتىپ››، دېگەن شەەپكە ئېرىشكەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش چەكلىك شىركىتى 17 – يول ئاپتوبۇس لىنىيەسىنىڭ ‹‹قار لەيلىسى›› ئاياللار ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكى ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى، ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ئۈلگىلىك ئايال خىزمەتچى››، دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ‹‹نەنۋېي يولى›› كوچا باشقارمىسىدىكى تازىلىق ئىشچىسى رەيھانگۈل خېلىل، ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹8 – مارت قىزىل بايراقدارى›› مىچۈەن – كۆكتاغ رايونى چاڭشەنزى بازىرىنىڭ خۇنەن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ‹‹ئايال ئىشلەمچىلەر قوشۇنى››نىڭ باشلىقى جاڭ جىنليەن ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ئاياللار مەدەنىيلىك ئورنى››، دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن شىنجاڭ ئىقتىساد – تۇرمۇش قانىلىنىڭ ‹‹خانىم – قىزلار›› پروگراممىسىدىكى ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەر قاتارلىقلاردىن ئايرىم – ئايرىم ھال سورىدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر