ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئۈچ چوڭ ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل شىنجاڭدا ياخشى يولغا قويۇش كېرەك

2011-يىلى03-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

جۇ يۇڭكاڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

   چېڭ لىشىن، لى خۇا، فېڭ جېنلار خەۋىرى: 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر 11 – مارت چۈشتىن ئىلگىرى ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىدا ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جۇ يۇڭكاڭ ۋەكىللەر بىلەن بىللە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقتى، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى(لايىھەسى)نى تەكشۈردى.

   جۇ يۇڭكاڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بايلىق ئەۋزەللىكى، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكى، پۇرسەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جان – دىلى بىلەن ئىشلەپ، بېرىلىپ ئىشلەپ، ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئىشلەپ، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى شىنجاڭنىڭ گۈزەل زېمىنىدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋەكىل ۋاڭ لېچۈەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋەكىل ئىسمائىل تىلىۋالدى قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

   شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   نۇر بەكرى، چې جۈن، يەن فېنشىن، جۈرئەت ئىمىن، جارۇللا ھېسامىدىن، جۈمە تاھىر قاتارلىق ئالتە ۋەكىل، سىرتتىن قاتناشقانلار پۇرسەتنى تۇتۇپ، ياخشى ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ راۋاجلىنىش، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۇەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىش، خەلق تۇرمۇشىنى تۇتقا قىلىپ ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىننى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا سۆز قىلدى. جۇ يۇڭكاڭ ئەستايىدىل ئاڭلىدى، خاتىرە قالدۇردى، ئارىلاپ گەپ قىستۇرۇپ كۆپچىلىك بىلەن مۇزاكىرە قىلدى. مۇزاكىرە داۋامىدا ئۇ 20 نەچچە يىل ئىلگىرى تارىمدا نېفىت ئېلىش جېڭى قىلغان چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ، بۇ زېمىننى، بۇ زېمىندىكى ھەر مىللەت خەلقنى تولىمۇ قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

   جۇ يۇڭكاڭ مۇنداق دېدى: ‹‹11 – بەش يىل››دا، بولۇپمۇ مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قەتئىي رەھبەرلىكى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىلمىي پىلانلاپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ تىرىشىپ كۈرەش قىلدى، شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسىدا مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتى نىشان، ۋەزىپە، سىياسەت كاپالىتى جەھەتلەردىن پىلانلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسى سۈرەتلەندى. 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پىلاننى شىنجاڭنىڭ گۈزەل زېمىنىدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

   جۇ يۇڭكاڭ مۇنداق دېدى: مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكى ۋە پۇرسەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ ئەۋزەل قېزىلما بايلىق، ئېنېرگىيە بايلىقى ۋە مىللىي مەدەنىيەت بايلىقىغا ئىگە، بۇ ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۇەننىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىنىڭ زاپاس كۈچى، ھەم دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ زاپاس كۈچى؛ شىنجاڭ كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمدىكى رايونلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؛ شىنجاڭ يەنە پۇرسەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە، شىنجاڭدا ھەم غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش پۇرسىتى، ھەم 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش پۇرسىتى، تېخىمۇ مۇھىمى ئېلىمىزدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پۇرسىتى بار. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇ پۇرسەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق تونۇپ، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

   جۇ يۇڭكاڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى بارلىق خىزمەتنىڭ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تەرەققىيات تەرەققىي قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئاخىرقى ھېسابتا ھەر بىر پۇقراغا تەرەققىيات نەتىجىسىدىن نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭ 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

   جۇ يۇڭكاڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭغا سوقۇنۇپ كىرىش، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتىنى بىر مىنۇتمۇ توختاتقىنى يوق، شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش يەنىلا ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە كەسكىن. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مۇقىملىقنىڭ بەخت، مالىمانچىلىقنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھازىرقى مۇقىملىقنى ساقلىشى ھەم ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ئۇزاق ئەمىنلىكنى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

   جۇ يۇڭكاڭ خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۇتۇپ، تەدبىر، خىزمەتلەرنى ھەر بىر كونكرېت تۈرلەرگىچە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئامالنىڭ بارىچە تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىپ، مەركەزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ياردىمىدىن ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

   جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يولداش جۇ يۇڭكاڭ ئېلىمىزنىڭ ‹‹12 – بەش يىل››لىق نىشان، ۋەزىپىلىرىنى ئاساس قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭدا مۇقىملىقنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇش، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش جەھەتلەردە يېڭى، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يولداش جۇ يۇڭكاڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى يەتكۈزۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل ئەركىن ئىمىرباقى قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!