ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

بەھرەيىن ئاممىسى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
بەھرەيىن ئاممىسى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى يەر شارى تورىنىڭ 15-مارت خەۋىرى: فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 15-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى دېڭىز قولتۇقى رايونى ئەرەب قىسىملىرى بەھرەيىنگە كىرىپ ئامانلىق
  بەھرەيىن ئاممىسى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى


يەر شارى تورىنىڭ 15-مارت خەۋىرى: فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 15-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى دېڭىز قولتۇقى رايونى ئەرەب قىسىملىرى بەھرەيىنگە كىرىپ ئامانلىق ساقلاشقا ياردەم بەرگەندىن كېيىن، بەھرەيندىكى نەچچە مىڭ ئامما مەرۋايىت مەيدانىدىن باشلاپ نامايىش قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىغا قاراپ ماڭغان. بۇ نامايىش ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ تاشلىشى مۇمكىن ئىكەن.


خەۋەردە دېيىلىشىچە، نامايىشچىلار قوشۇنىدا ئاق رەڭلىك كىيم كىيىۋالغانلار بولۇپ، ئۆزىنىڭ قۇربان بېرىشكە تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. پۇل-مۇئامىلە رايونىغا قاراپ نامايىش قىلغان ئامما پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، پادىشاھقا قارشى شوئار توۋلىغان. نامايىشچىلار يەنە سۈننىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ يارىشىشقا دەۋەت قىلغان.
دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى بەھرەيىنگە قوشۇن كىرگۈزگەندىن كېيىن، بەھرەيىن 15-مارت جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى. 15-مارت سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بىر ئەسكىرى ئېتىپ تاشلانغان. بەھرەيىن تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دېيىشىچە، پادىشاھ ھاماد مۇددىتى 3 ئاي بولغان جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان.
سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا، بىر ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بىر ئەسكىرى بەھرەيىندە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ئەمەلدار تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلغان، ئەمما بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بەھرەيىن 3 ئايلىق جىددىي ھالەتكە كىردى سەئۇدى ئەرەبىستان بەھرەيىنگە قوشۇن كىرگۈزدى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!