ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت بۈگۈر ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەسەن ئانايەت ، چېن زېبىڭلار خەۋىرى ، فوتوسى : 15–مارت ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت ، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ بو ، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ جىنشى ، بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئو يىنسەن ، بۈگۈر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ جىڭروڭ ، بۈگۈر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ھاكىم تۇرسۇن روزى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ، بۈگۈر ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى .

    بۈگۈر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ جىڭروڭ بۈگۈر ناھىيەسىدىكى تۆت بەنزە رەھبەرلىرىگە ۋاكالىتەن بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ، سەھىيە ۋە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىشلىرىدىن دوكلات بەردى .

    تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ، بۈگۈر ناھىيەلىك مۇزېي ، بۈگۈر ناھىيەلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى ، بۈگۈر ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ، چۇمپاق بازارلىق خەلق دوختۇرخانىسى ، مەدىنىيەت – تەنتەربىيە مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى . تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا يەنە بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ باش كاتىپى جاڭ فېڭ ، بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى خەن جەنجۈن ، بۈگۈر ناھىيەلىك پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى مىڭ ، مۇئاۋىن ھاكىم ئامانگۈل ئېزىز قاتارلىق رەھبەرلەرمۇ بىللە بولدى .

تىلىۋالدى ئابدۇرېشىتنىڭ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدىكى كۆرۈنۈشلەر

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر