نېلۇپەر قاسىم خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق س س م ب ئىدارىسى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2010 – يىللىق يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق ئون چوڭ تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى.
بۇ ئون چوڭ تىپىك دېلو: شىنجاڭ مەلۇم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باشقىلار ئەنگە ئالدۇرغان ماركىدىكى خىمىيەۋى ئوغۇتنى سېتىش دېلوسى؛ قۇمۇل شەھىرىدىكى مەلۇم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىش بۆلۈمىنىڭ ساختا ‹‹پياۋما›› ماركىلىق ئوت – چۆپ يوقىتىش دورىسى سېتىش دېلوسى؛ قاراماي رايونىدىكى مەلۇم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىش بۆلۈمىنىڭ لاياقەتسىز ئورگانىك ئوغۇت سېتىش دېلوسى؛ شىنجاڭ مەلۇم ئۇرۇقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ساختا ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش دېلوسى؛ شىنجاڭ مەلۇم يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بورتالا تارماق شىركىتىنىڭ ساختا ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش دېلوسى؛ بېيجىڭ مەلۇم ئۇرۇقچىلىق پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ گۇۋاھنامىسىز ئۇرۇقلۇق تىجارىتى دېلوسى؛ ئونسۇ ناھىيەسىدىكى مەلۇم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى زەنجىرسىمان سېتىش دۇكىنىنىڭ خىمىيەۋى ئوغۇت سېتىشتىكى ساختا تەشۋىقات دېلوسى؛ ئالتاي ۋىلايتىدىكى مەلۇم يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ تالۇن ئېلىش، ئىسپات كەستۈرۈش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرمەسلىك دېلوسى؛ مارالبېشى ناھىيەسىدىكى مەلۇم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى زەنجىرسىمان سېتىش دۇكىنىنىڭ سۇلياۋ يوپۇقنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش دېلوسى؛ ئىلى مەلۇم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لاياقەتسىز ئوغۇت سېتىش دېلوسى.