ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ھەر مىللەت پۇقرالىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىدىن نەپكە ئېرىشتى

2011-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    بۇلتۇر ئاۋغۇستتا، ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقيار يېزىسىدىكى 58 ياشلىق قىرغىز چارۋىچى جۈمەخۇن قاسىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى بەش كىشى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى بىلەن خوشلىشىپ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ياردىمىدە سېلىنغان سۇ، توك ۋە ئىسسىنىش ئەسلىھەلىرى تولۇق، يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆيگە كۆچۈپ كىردى... دېمەك، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب – شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىدىن نەپكە ئېرىشتى.

    بۇلتۇر مارتنىڭ ئاخىرىدا، مەملىكەتلىك شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ، مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تارىخىدا ياردەم بېرىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، چېتىلىدىغان نوپۇس ۋە سېلىنىدىغان مەبلەغ ئەڭ كۆپ، ياردەم بېرىلىدىغان ساھەلەر ئەتراپلىق بولغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى باشلاندى.

    ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىش، ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش›› يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا بولدى. ھازىر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى مەيلى چەت، يىراق يېزا – بازارلاردا بولسۇن ياكى بۈك – باراقسان بوستانلىقتىكى كىچىك شەھەرلەردە بولسۇن، ھەممىلا جايدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا دائىر قۇرۇلۇشلارنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ‹‹شىنجاڭغا ياردەم بېرىش››، ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى›› دېگەندەك سۆزلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنىڭ ھەممىلا جاينى قاپلىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق ئەمەلىي قۇرۇلۇشلاردىن خەلق ئاممىسى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىپ، ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ، تۇرمۇش شارائىتى ھەقىقىي ياخشىلاندى.

    ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل چاغاننىڭ ئالدىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر ھەر خىل قۇرۇلۇش بويىچە سىناق تۈرىدىن 172 نى باشلىغان، 79سىناق تۈرى تاماملانغان، بۇنىڭ كۆپىنچىسى يېزىلاردىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆي قۇرۇلۇشى، كەپىلىك مەھەللىلەردىكى خەتەرلىك، كونا تۇرالغۇ ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ھەمدە تاشيول، مەكتەپ، دوختۇرخانا، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلار ئىكەن.

    ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ئاساس قىلىش›› تەسەۋۋۇرى بويىچە ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە شاڭخەي شەھىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق تۆت ناھىيەگە ئاجرىتىدىغان مەبلىغى تەخمىنەن 9 مىليارد يۈەن بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە بۇ مەبلەغنىڭ سېلىنما نىسبىتى: ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىغا تەخمىنەن %56، ئىجتىمائىي ئىشلارغا تەخمىنەن %...18 دەپ بېكىتىلدى. ياردەمگە ئېرىشكەن تۆت ناھىيەدە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ بولدى. كەلگۈسى سەككىز يىلدا شاڭخەينىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلىدىغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 310 مىڭ ئائىلىلىككە يېتىدۇ. 

    بېيجىڭ شەھىرى ‹‹پايتەخت ئۆلچىمى بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش››نى نىشان قىلىپ، بۇ يىل خوتەن ۋىلايىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ يېزا ئىگىلىك 14 – شىسىدا 36 مىڭ ئائىلىلىك ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، 1050 ئائىلىلىك چارۋىچىنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ۋە 230 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەقىقىي ياخشىلايدۇ.

    بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە خوتەن قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى ليۇ جيەن مۇنداق دېدى: بېيجىڭ شەھىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك قوللاش، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپى بويىچە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈدىغان بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، چېگرا رايوندىكى پۇقرالارغا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ.

    جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا تۈرلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشتە ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، نەپ يەتكۈزۈش دائىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش، مەۋقەنى ھازىرقىغا قويۇپ، يىراق  كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇش›› پىرىنسىپى بويىچە، شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان 171 تۈرنى ئورۇنلاشتۇردى، سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ تەخمىنەن 3 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولىدۇ. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جيې مۇنداق دېدى: جېجياڭ ئۆلكىسى بۇ يىل ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، 1 مىليون شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىدىغان سۈيىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق يەتتە چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، يەرلىكتە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، ئامما كۈچلۈك تەقەززا بولۇۋاتقان، شارائىت ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلانغان ئىشلارنى ئالدى بىلەن قىلماقچى بولدى.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقا ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشلىرىمۇ خەلققە بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈشنى مەۋقە قىلدى. مۇخبىر جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، ئاقسۇ، ئىلى قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغاندا، بۇلتۇر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە ياردەم بېرىش بويىچە سىناق قىلغان تۆت تۈردە رەسمىي ئىش باشلاپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي، كەپىلىك مەھەللىلەردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، كىچىك شەھەر، بازارلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەسىنى ياخشىلاش ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بارغانلىقى، شېنجېن شەھىرىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى 18 باشلانغۇچ مەكتەپ، شەھەر، يېزىلاردىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەركىزى ۋە تاشقورغان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ تۈردە قۇرۇلۇش باشلىغانلىقىنى ئىگىلىدى... بۇ تۈرلەر ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەگىشىپ، يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئامما شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئېلىپ كەلگەن نەپنى ھەقىقىي ھېس قىلىشقا باشلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!