نىلۇپەر قاسىم خەۋىرى : بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى سىستېمىسى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى، سۈپەت ئۆستۈرۈش پائالىيىتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتىلار، خەلق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سىستېما بويىچە قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ساختىلىققا زەربە بېرىش ۋە نۇقتىلىق رايونلارنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئىگىلىشىمچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى سىستېمىسىدىكىلەر تاۋار سۈپىتىگە ئالاقىدار دېلودىن 3862نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە چېتىشلىق دېلودىن 540ى، يېمەكلىككە چېتىشلىق دېلودىن 493ى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغا چېتىشلىق دېلودىن 591ى بولۇپ، 517 دېلونى نەق مەيداندا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلغان، قارا ئۇۋىدىن ئىككىنى بىتچىت قىلغان. تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن ساختا، ناچار تاۋارلارنىڭ قىممىتى 90 مىليون 970 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ 7 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىيىنى قايتۇرۇۋېلىنغان. مەھسۇلات سۈپىتىگە ئالاقىدار ئەرزدىن 303ى قوبۇل قىلىنغان، ئەرز سوممىسى 5 مىليون 800 مىڭ يۈەن بولۇپ، كارخانا ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ 1 مىليون 540 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىيىنى قايتۇرۇۋېلىنغان. سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ‹‹12365›› پاش قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق مەركىزى ئىستېمالچىلارنىڭ سۈپەتكە ئالاقىدار ئەرز تېلېفونىدىن 4169نى، ساختىلىققا زەربە بېرىش پاش قىلىش دېلوسىدىن 21نى، ئەرز قىلىش دېلوسىدىن ئۈچنى قوبۇل قىلىپ، 4154 ئادەم (قېتىم)گە مەسلىھەت بەرگەن. بەش نۇقتىلىق مەھسۇلاتنى مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىپ، سۈپەت جەھەتتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان 40 كارخانىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلغان، بۇنىڭدىكى دېلوغا چېتىلىدىغان تاۋار سوممىسى 438 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق، بۇ بەش نۇقتىلىق مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %80تىن ئاشقان.