چېڭ لىشىن، فېڭ جىن، لى خۇا خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىقلار بېيجىڭدا مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتناشقان مەزگىلدە، بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىغا ۋە دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى، ‹‹خۇانېڭ›› گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش ئىشتابىغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كېڭەشتى.
جاڭ چۈنشيەن زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى مۇنداق بەش جەھەتتىن تېخىمۇ زورايتىشىنى ئۈمىد قىلدى: شىنجاڭغا يەر ئىشلىتىش سىياسىتى جەھەتتىن مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىش؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يەرلەرنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى تېزدىن تەستىقلاش؛ شىنجاڭنىڭ ‹‹358›› تۈرىگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش؛ شىنجاڭغا كۆمۈر بايلىقى جەھەتتە داۋاملىق ئالاھىدە سىياسەت بېرىش؛ ئۇل مۇئەسسەسە، ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىش، خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىگە يەر ئىشلىتىشتە ئالدىن تەستىقلاش سىياسىتى بېرىش.
نۇر بەكرى شىنجاڭنىڭ زېمىن بايلىقى خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.
جاڭ چۈنشيەن دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى، ‹‹خۇانېڭ›› گۇرۇھىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئىككى كارخانىنىڭ ‹‹12 – بەش يىل››دا شىنجاڭدا ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، پاكىز ئېنېرگىيەنىمۇ كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.