ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئەركىن ئىمىرباقى‹‹ئىككى يىغىن››نى خەۋەر قىلىشقا قاتناشقان مۇخبىرلارنى يوقلىدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    چېڭ لىشىن، لى خۇا خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىغا بارغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى 15 – مارت چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى چۈشكەن جايدا مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغان شىنجاڭلىق مۇخبىرلارنى يوقلىدى ھەم ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

    ئۇقۇشىمىزچە، ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى گېزىتلەر 150 چە مەخسۇس ئىستون ئاچقان، 600 پارچىدىن كۆپرەك خەۋەر – ماقالە، 240 پارچىدىن كۆپرەك سۈرەت ئېلان قىلغان؛ رادىيو – تېلېۋىزىيەدە ‹‹ئىككى يىغىن››غا دائىر 237 پارچە خەۋەر ئاڭلىتىلغان، كۈندىلىك ئاڭلىتىش ۋاقتى بەش سائەتتىن ئاشقان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!