چېڭ لىشىن، فېڭ جىن، لى خۇا خەۋىرى : مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتناشقان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىقلار بېيجىڭدىكى ۋاقتىدا يىغىن ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا مەبلەغ سالغان بىر قىسىم چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇلار بىلەن شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى.
جاڭ چۈنشيەن، نۇر بەكرى قاتارلىقلار خۇبېي ‹‹يىخۇا›› گۇرۇھى، جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھ شىركىتى، جۇڭگو ‹‹باۋلى›› گۇرۇھى شىركىتى، جۇڭگو ئاليۇمىن سانائىتى شىركىتى، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى، جۇڭگو خەلقئارا پۇل مۇئامىلە شىركىتى، جۇڭگو ‹‹خۇاديەن›› گۇرۇھ شىركىتى، ‹‹ۋەنشياڭ›› گۇرۇھى، جۇڭگو گۇاڭدۇڭ يادرو ئېلېكتىر گۇرۇھ شىركىتى، دۆلەت تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ قىسمەن مەسئۇللىرىغا ئاپتونوم رايوننىڭ 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلانىغا ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى ھەم چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئېچىش، تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەپ، مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، شىنجاڭدىكى ‹‹ئۈچلەشتۈرۈش›› قۇرۇلۇشىدا باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى، تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، خەلق تۇرمۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ كۆپلەپ مەنپەئەتلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.