ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەملىكەتلىك‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى يەتكۈزدى ،ئىزچىللاشتۇردى

2011-يىلى03-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    لى فېڭمىڭ، ۋاڭ چۈەنفېڭ خەۋىرى : شىنجاڭ ھەربىي رايونى 16 – مارت چۈشتىن كېيىن ئورگان يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئىزچىللاشتۇردى. ھەربىي رايوننىڭ سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ جيەنمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ھەربىي رايوننىڭ قوماندانى جۇ جىنلىن مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

    جۇ جىنلىن مۇنداق دېدى: قىسىم مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە سىياسىي جەھەتتە قىسىم قۇرۇلۇشىغا، ھەربىي ئۇرۇش ھازىرلىقىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، قىسىمنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قاتتىق ئىدارە قىلىشقا، قىسىم قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، قىسىمنىڭ يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتىكى تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى مۇستەھكەم خەۋپسىزلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!