ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

جاڭ چۈنشيەن مىكرو بىلوگ ھەققىدىكى تەسىراتى ئۈستىدە توختالدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

 ۋاڭ شىنخۇڭ

    ئاپتونوم رايون 16 – مارت چۈشتىن كېيىن ئاچقان مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› نىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيان مىكرو بىلوگ ئارقىلىق تورداشلار بىلەن ئالاقىلىشىشتە ھېس قىلغانلىرىنى تىلغا ئالدى.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە، ‹‹تېڭشۈن›› تورىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خەلقنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئاڭلايدىغان مىكروبىلوگ ئاچتىم. قىسقىغىنا ئون نەچچە كۈندە، ‹‹ئاڭلىغۇچىلىرىم›› 300 مىڭغا يېقىنلاشتى، دېمەك مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلىدىكەن، شىنجاڭنى قوللايدىكەن، شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىدىكەن، بۇنىڭدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم مىكروبىلوگ ئېچىش ئارقىلىق مىكروبىلوگنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقە تورىنىڭ غايەت زور ئۇچۇر مەنبەسى، شۇنداقلا مۇھىم ئالاقە سۇپىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۇ سۇپا ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى، خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە ھېسسىياتىنى بىۋاسىتە ئىگىلىگىلى، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت باشقۇرۇشنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن.

    بۇ قېتىمقى مىكروبىلوگ ئالاقىسىدە 80 –، 90 – يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان نۇرغۇن كىشى جاڭ چۈنشيەنگە سۆز قالدۇرۇپتۇ. جاڭ چۈنشيەن ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: توردا ئالاقىلىشىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ تەدرىجىي يېتىلىۋاتقان، بىلىم قاتلىمى يۇقىرى، بىلىم دائىرىسى كەڭ، دۆلەتنى، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئوچۇق – يورۇق، ئالغا ئىنتىلىدىغان، رىقابەتلىشىشكە جۈرئەت قىلىدىغان، ھېسسىداشلىق تۇيغۇسىغا باي، ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدىغان ئەقىللىق ئەۋلادلار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ‹‹ياشلار شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ ئۈمىدى، ئۇلارغا كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىشىمىز، ئىشىنىشىمىز، ئۇلارنى يېتەكلىشىمىز، كېرەك››.

    جاڭ چۈنشيەن ياشلاردىن جاپاغا چىداپ چېنىقىپ، ھەمكارلىشىشقا ماھىر بولۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ بۇرچىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشنى ئۈمىد قىلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!