ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى56–قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

2011-يىلى03-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

دائىمىي كومىتېتنىڭ 26–يىغىنىنى 23–مارت ئېچىش قارار قىلىندى

  يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش

    فېڭ جىن خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16 – مارت چۈشتىن بۇرۇن 56 – قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26 – يىغىنىنى 23 – مارت ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

  ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، دائىمىي كومىتېتنىڭ 26 – يىغىنىدا 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلىدۇ، ئۆگىنىلىدۇ، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئوت مۇداپىئە نىزامى (تۈزىتىلمە لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى (لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)››، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى ئۆتكۈزۈش ۋاقتى توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)›› ھەققىدىكى تەكلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر باشقۇرۇش بويىچە ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن يۈرگۈزۈش نىزامى›› توغرىسىدىكى تەكلىپ، ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش نىزامى›› توغرىسىدىكى تەكلىپ، ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىناكارلىقتا ئېنېرگىيە تېجەشنى باشقۇرۇش نىزامى›› توغرىسىدىكى تەكلىپ قاراپ چىقىلىدۇ؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان ‹‹سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداش نىزامى›› توغرىسىدىكى تەكلىپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان ‹‹كورلا شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدا ئىت بېقىشنى باشقۇرۇش نىزامى›› توغرىسىدىكى تەكلىپ، ‹‹بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا – لوپنۇر رايونىدا تۇرمۇش سۈيى مەنبەسىنى باشقۇرۇش نىزامى›› توغرىسىدىكى تەكلىپ، ‹‹بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باغراش كۆلى ۋداىسى سۇ مۇھىتىنى قوغداش ھەم بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش نىزامى›› توغرىسىدىكى تەكلىپ قاراپ چىقىلىدۇ؛ كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش – قالدۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر